ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى» ئىلھام توختى ھەققىدىكى باياناتىنى خىتايچە ئېلان قىلىپ، ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسى بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، خىتايچە نۇسخىسى 21-يانۋار ئېلان قىلىندى.
باياناتتا خىتاي دائىرىلىرى ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە ۋە ئىلھام توختىنىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ كېتىلگەن بارلىق شەخسىي بۇيۇملارنى ئائىلىسىگە قايتۇرۇشقا چاقىرىلدى.
ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختى 15-يانۋار بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. ئۇ تۇتۇپ كېتىلگىنىگە بىر ھەپتە بولغان بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ نەگە قامالغانلىقى ۋە نېمە جىنايەت بىلەن تۇتۇلغانلىقىنى ھازىرغىچە ئاشكارىلىمىدى.
ئىلھام توختى تۇتۇپ كېتىلىپ ئەتىسى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم خىتاي دائىرىلىرىنى ئىلھام توختىنىڭ قانۇنىي ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا ۋە ئۇنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان.
ئىلھام توختى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىگە سوئال قويغان ۋە ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى پىكرىنى خەلقئارا ئاخباراتلارغا ئوچۇق-ئاشكارا ئىپادىلىگەن شەخسلەرنىڭ بىرى.
يىللاردىن بۇيان ئۇنىڭغا قارىتىلغان تەقىب ۋە نەزەربەندلەر كۈچەيتىلگەن ئىدى.