erkin-asiya-radiosi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

رابىيە قادىر خانىم: خىتاي ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشى كېرەك!

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم خىتاينى تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى. ئۇ، بۇ سۆزلەرنى 16-يانۋار رادىئومىز ئارقىلىق بەرگەن باياناتىدا ئوتتۇرىغا قويدى.

15-يانۋار خىتاي دائىرىلىرى بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنى بىرلىكتە تۇتۇپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئانىسى شۇ كۈنى كەچتە ئۆيىگە قايتۇرۇلغان. خىتاي بايانچى ئىلھام توختىنىڭ قانۇننى بۇزۇش گۇمانى بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

رابىيە قادىر خانىم مۇنداق دېدى: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئارقا-ئارقىدىن ئۆلتۈرۈۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئىلھامنىڭ بالىلىرى ۋە ئانىسىغا ئازار بېرىپ، ئۆزىنى قوپاللىق بىلەن تۇتۇپ كېتىشىگە بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىمىز، خىتاي ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشى كېرەك!

رابىيە قادىر خانىم يەنە، ئىلھام توختىغا مۇناسىۋەتلىك باشقا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى، ھەتتا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىنمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلھام توختىنىڭ ئايالى ئېرىنىڭ دېرىكىنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ئىلھام توختى تۇتۇپ كېتىلىپ بىر سوتكىدىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم ئېرىنىڭ دېرىكىنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ساقچىلار ئىلھام توختىنىڭ ئانىسىنى 15-يانۋار كېچىدە ئۆيگە ئەكېلىپ قويغان، ئەمما ئىلھام توختى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان.

گۈزەلنۇر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ساقچىلار ئىلھام توختىنىڭ كومپيۇتېرى، تېلېفونى، ھەتتا ئۆيدىكى ئاپتوبۇس كارتىسى قاتارلىق شەخسىي ماتېرىياللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەتكەن.

گۈزەلنۇر خانىم ئۆي ئاختۇرۇشقا كەلگەن خىتاي ساقچىلىرىغا ئىلھام توختىغا ئوخشاش بىر زىيالىينىڭ ئايالى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ۋە بالىلىرىغىمۇ دادىسىدىن پەخىرلىنىشنى جېكىلىگەنلىكىنى ئېيتقان.

گۈزەلنۇر خانىم ئاخىرىدا يەنە، ئېرىنىڭ دېرىكىنى قىلىش ئىرادىسىدىن يانمايدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئېرىنى نېمە ئۈچۈن تۇتقانلىقىغا ئېنىق جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىلھام توختى خىتاي ھۆكمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىگە نارازىلىقلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئىپادىلىگەن زىيالىيلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ، ئۇزۇندىن بۇيان نەزەربەند ئاستىدا ئىدى.

ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرىنى باشلىدى

13-يانۋار ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قانلىق باستۇرۇش سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشىنى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، نامايىشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئۆزى يېتەكچىلىك قىلدى.

2013-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە نۇرغۇن قانلىق ۋەقەلەر يۈزبەردى. بۇ ۋەقەلەردە يۈزلىگەن ئۇيغۇر خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلاندى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارىتىش ئۈچۈن، دۇنيا مىقياسىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى.

رابىيە قادىر خانىم نامايىش ھەققىدە توختىتىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ خىلدىكى نامايىشلار دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ ھەر خىل شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

ئۇيغۇر ئاسپىرانت مۇتەللىپ ئىمىن تۇتۇپ كېتىلدى

رادىئويىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، 15-يانۋار خىتاي يەرلىك ساقچىلىرى ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان نەزەربەند ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ئاسپىرانت مۇتەللىپ ئىمىننى ئۆز ئۆيىدىن تۇتۇپ كەتكەن.

مۇتەللىپ ئىمىن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنسانشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ ئاسپىرانتى بولۇپ، ئۇ يازلىق تەتىلنى تۈگىتىپ تۈركىيەگە قايتىش سەپىرىدە تۇتۇپ كېتىلگەن.

مۇتەللىپ ئىمىن ئۆتكەن يىلى 15-ئىيۇل بېيجىڭ ئايرودرومىدىن ئېلىپ كېتىلىپ، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. كېيىن ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بىر مېھمانخانىغا 79 كۈن سولاپ قويۇلغانلىقى، پاسپورت ۋە كىملىكلىرى تارتىۋېلىنىپ، شۇ يىلى 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ خوتەن لوپتىكى ئۆيىگە نەزەربەند قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغان.

مۇتەللىپ ئىمىن نەزەربەندتە تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، 79 كۈنلۈك تۇتقۇنلۇق ھاياتى جەريانىدا ئۇچرىغان قېيىن-قىستاقلار، ئۆزنى سوراق قىلغان ساقچىلارنىڭ كىملىكى قاتارلىقلارنى ئاشكارىلىغان. ئۇ يەنە «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىگە ئادالەت تەلەپ قىلغان ئىدى.

كېرىيەنىڭ سىيەك يېزىسىدا ھامىلە قەتلىئام قىلىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بايقالماقتا

كېرىيەنىڭ سىيەك يېزىسىدا ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنىڭ يەنە داۋاملىشىۋاتقانلىقى بايقالماقتا.

سىيەك يېزىسىدىكى بىر دېھقاننىڭ رادىئومىزغا ئېيتىشىچە، دائىرىلەر سىيەك يېزىسىدىكى بىر ھامىلىدار ئايالنىڭ 7 ئايلىق ھامىلىسىنى چۈشۈرۈۋېتىش ئۈچۈن، 13-يانۋار كېرىيەدىكى نۇرلۇق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كەلگەن.

كېرىيەنىڭ ئارىش يېزىسىدا ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرى يۈز بەرگەن ھامىلە چۈشۈرۈش ۋەقەسى دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتاي مەركىزى پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ، ھامىلە چۈشۈرگەن ئاساسى قاتلام كادىرلىرىنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

يۇقىرىقى دېھقاننىڭ ئېيتقانلىرىدىن قارىغاندا، گەرچە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ھامىلە چۈشۈرمەسلىك ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەن، كېرىيە ناھىيىلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بۇ ھەقتە بەلگىلىمە چىقارغان بولسىمۇ، كېرىيەنىڭ سىيەك يېزىسىدا ھامىلە چۈشۈرۈشنىڭ يەنىلا داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

5-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق رەسىم كۆرگەزمىسىگە ئۇيغۇر رەسسامنىڭ رەسىمىمۇ قويۇلدى

ئەنقەرەدە ئېچىلغان 5-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق رەسىم كۆرگەزمىسىگە تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىزنىڭمۇ ئەسەرلىرى قويۇلدى. كۆرگەزمە ئەنقەرەدىكى «پورت ئارت» گاللېرېيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى. كۆرگەزمىگە 15 دۆلەتتىن كەلگەن 91 داڭلىق رەسسامنىڭ ئەسەرلىرى قويۇلغان.

كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا سىياسەتچىلەر، دۆلەتنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ۋە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن رەسساملار ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلارغا قاتناشتى.

كۆرگەزمىگە قويۇلغان رەسىملەرنىڭ ئاستىغا رەسسامنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، رەسسام تەۋە دۆلەتنىڭ بايرىقىنىڭ رەسىمى چاپلانغان بولۇپ، مەرۋايىت ھاپىزنىڭ رەسىمىنىڭ ئاستىغا 8-ئەسىردە قۇرۇلغان ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ بايرىقى چاپلانغان.

مەرۋايىت خانىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇنى تولىمۇ ھاياجانلاندۇرغان.

مەرۋايىت ھاپىز خانىم گېرمانىيەدە ياشاپ ئىجادىيىتىنى داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر رەسسامى بولۇپ، ئۇ كۆپ قېتىم خەلقئارالىق كۆرگەزمىلەرگە قاتناشقان ئىدى.