بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنى تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.
ئۇلار باياناتىدا ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەقىپى ۋە ئاۋارە قىلىشىغا ئۇچراپ كەلگەن ئىلھام توختىنىڭ بۇ نۆۋەت «قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق» گۇمانى بىلەن قولغا ئېلىنىشىنىڭ ئۆزلىرىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: ئىلھام توختى تىنچلىق بىلەن ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ھوقۇقلىرى ئۈچۈن سۆزلەۋاتقان بىر پائالىيەتچى ئىدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ھېچقانداق بىر تەھدىت تەشكىل قىلمىسىمۇ، ئوخشاشلا قولغا ئېلىندى. ئۇ، ئۆزىنىڭ نېمە جىنايەت بىلەن قارىلىنىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ.
باياناتتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئىلھام توختىنىڭ دەرھال قويۇۋېتىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندى مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى چارشەنبە كۈنى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ساقچىلار ئۇنىڭ ئانىسىنىمۇ قوشۇپ ئەپ كەتكەن ئىدى. ئىگىلەنگەن خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ساقچىلار شۇ كۈنى كېچىدە ئىلھام توختىنىڭ ئانىسىنىڭ ئۆيگە قايتىپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلغان. مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنىڭ قولغا ئېلىنىشى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا كەڭ ئورۇن ئالدى. بۈگۈن ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ ب ب س، مۇھاپىزەتچى، خەلقئارا پوچتا، بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ۋە فىرانسىيە ئاگېنتلىقى قاتارلىق مەتبۇئاتلىرى بىردەك بۇ خەۋەرگە كەڭ ئورۇن بەردى.