almata-qazaqistan-uyghur-shehit-xatire-1.jpgئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەردە شېھىت بولغان قېرىنداشلىرىنى ئەسلەش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 10-يانۋار، ئالماتا.

10-يانۋاردا ئالماتانىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىدىكى بىر كافېخانىدا جەم بولغان ئۇيغۇرلار ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەردە شېھىت بولغان قېرىنداشلىرىنى ئەسلەش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى.

ئالدى بىلەن مەھەممەتجان ھاجىم ئازادلىق ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇغاندىن كېيىن، تونۇلغان قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى دوكلات قىلدى. ئۇ، ئۆز دوكلاتىدا ئۈچ مەسىلە ھەققىدە، يەنى، بىرىنچىدىن، 2013-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن قانلىق پاجىئەلەر، ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ۋە ئاقىۋەتلىرى، ئىككىنچىدىن، مۇشۇ جەرياندا رابىيە قادىر رەھبەرلىكىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى، ئۈچىنچىدىن، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئېلىدا شەكىللەنگەن ۋەزىيەتكە قارىتا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قوللىنىۋاتقان سىياسىتى مەسىلىلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالدى.

مەزكۇر پائالىيەتكە بىر مۇنچە قازاق زىيالىيلىرىمۇ قاتناشتى. ئاتاپ ئېيتقاندا، «قازاقىيا» گېزىتىدىن مالىك ئىسابېكوف، «قازاق گېزىتى» دىن ئابدۇراشىت ئەبۇبەكىر ئوغلى، جەمئىيەت ئەربابى بولات دۈيسېنبىنوفلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ۋە باي مەدەنىيەتكە ئىگە خەلقلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەغرۇرلىنىشقا تولۇق ھوقۇقى بارلىقىنى، بۈگۈنكى كۈندە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىقىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇنىڭدىن تاشقىرى مۇراسىمدا تۇرسۇن ھاجىم ئارزىيېف، دۇنيا ئۇيغۇرلىرى ئاياللار كومىتېتى رەئىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە مۇئاۋىنى ئاسىيەم تۇردىيېۋا ۋە باشقىلار ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويسا، شائىر ۋە يازغۇچىلار تاشگۈل ھېزىياروۋا، مالىك سادىروف، ئابدۇخالىق ماھمۇدوفلار بىرلىك، ئىتتىپاقلىق، مۇستەقىللىق ھەققىدە شېئىرلىرىنى ئوقۇدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تۇرسۇن ھاجىم ئارزىيېف مۇراسىم ھەققىدە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.