
ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەردە خىتاي قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ پىچاق قاتارلىق ئىپتىدائىي قوراللار بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن ئۇيغۇرلارنى قوراللىق باستۇرۇشى، چەتئەللەردىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 10-يانۋاردىن 13-يانۋارغىچە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئوققا تۇتۇش قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەپ نارازىلىق نامايىشلىرى ئېلىپ بارماقتا. خەلقئارادىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ بايانات ئېلان قىلىش ياكى باشقا پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن بۇ قانلىق توقۇنۇشلاردا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قورال كۈچى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى باستۇرغانلىقىنى ئەيىبلىمەكتە.
11-يانۋار كۈنى تەيۋەندىكى خىتاي دېموكراتلىرىدىن لىن باۋخۇانىڭ يېتەكچىلىكىدە قۇرۇلغان ئۇيغۇر دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى تەيبېي شەھىرىدە مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش يىغىنى ۋە جىم ئولتۇرۇۋېلىپ نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەردىن بىرى بولغان لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ يۆچىڭ خانىم شەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى.
ياڭ يۆچىڭ خانىم مۇنداق دېدى:
بىز 11-يانۋار شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تىن باشلاپ تەيبېيدىكى پويىز ئىستانسىسى ۋوگزالىدا جىم ئولتۇرۇۋېلىپ نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوراللىق باستۇرۇۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردۇق. بىز ئاۋۋال مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش يىغىنى ئېچىپ، بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆزىمىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللارنى ئاڭلاتتۇق. يۈز بېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىقاتىدىكىدەك «تېررورلۇق ۋەقەسى» ئەمەسلىكىنى، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا پىچاقتىن باشقا قارشىلىق قورالى بولمىغان ئۇيغۇرلارنى قوراللىق ئوققا تۇتۇپ، دۆلەت تېررورلۇقى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدۇق.
ياڭ يۆچىڭ خانىم يەنە تەيۋەننىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن قورقۇپ، ۋەقەنىڭ ھەقىقىي تەپسىلاتىنى ئاڭلاتمىغانلىقىنى ئەيىبلىدى.
ياڭ يۆچىڭ خانىم يەنە ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، تەيۋەندىكى ئۇيغۇر دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرۈپ،« بىز بۇ پائالىيەتنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن ئېلىپ باردۇق. بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىن قىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئەمەلىيىتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قانلىق باستۇرۇشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىش شۇنداقلا تەيۋەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە يانتاياق بولماسلىققا ئۈندەش» دېدى.
ياڭ يۆچىڭ خانىم يەنە، تەيۋەن ئۇيغۇر دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنى بىرقانچە قېتىم تەيۋەنگە تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتە تەيۋەندە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ما يىڭجۇ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى خاپا قىلىپ قويۇشتىن قورقۇپ،ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋە تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ تەيۋەنگە كىرىشىنى ئۈزلۈكسىز رەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.
2013-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا ئارقا-ئارقىدىن بىرقانچە ئون قېتىم قانلىق توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن يىل بولدى.خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە 2013-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى 2009-يىلدىن كېيىن ئەڭ كۈچەيگەن بىر يىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلىنىش بىلەن بىللە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىمۇ ئەڭ كۈچەيگەن بىر يىل ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.