
د ئۇ ق زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە داۋام قىلىۋاتقان قانلىق قىرغىنچىلىقلارغا نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ھەرقايسى ئەللەردە كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نامايىش 10-يانۋاردىن 13-يانۋارغىچە ئۇيۇشتۇرۇلىدىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەمدە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىش مەقسىتىدە مەزكۇر نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش، قانۇنسىز ئولتۇرۇشنى توختىتىش، تۈرمىدە بىگۇناھ يېتىۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى ئازاد قىلىش ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بۇ نامايىشنى ئۇيۇشتۇردۇق.
خىتاي دائىرىلىرى تېخى ئۆتكەن بىر نەچچە ئايدىلا سايباغ ۋە يەكەندە 20-دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى ئاتالمىش تېررورلۇققا زەربە بېرىش نامىدا ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاياللار ۋە بالىلارنىڭمۇ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
خىتاي قانۇنىدا 45 كۈنلۈك ھامىلىنىمۇ چۈشۈرۈشكە بولمايدىكەن
كېرىيە ناھىيىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى رەئىسى ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرى كېرىيەدە چۈشۈرۈۋېتىلگەن 6 ئۇيغۇر ھامىلە ھەققىدە توختىلىپ، قانۇن بويىچە 45 كۈنلۈك ھامىلىنىمۇ چۈشۈرۈشكە بولمايدۇ، دېدى.
12-ئاينىڭ ئاخىرى كېرىيە دائىرىلىرى دۇنياغا كۆز ئېچىش ئالدىدا تۇرغان 6 ھامىلىنى چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا جىددىي ئىنكاس قوزغىغان.
ئىگىلىشىمىزچە، چۈشۈرۈلگەن بۇ ھامىلىلەرنىڭ ئالدى 8 ئايلىق، كەينى بىر نەچچە ئايلىق بولغان.
بۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر ئەر ئايالىنى ئېلىپ دوختۇرخانىدىن قېچىپ كەتكەن.
كېرىيەدىكى بالا چۈشۈرۈش تۈزۈمى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ناھىيىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى رەئىسى، قانۇن بويىچە 45 كۈنلۈك ھامىلىنى چۈرۈشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئارىش يېزىسىدا 6 نەپەر ھامىلىنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق بەرگەن يېزىلىق پارتكوم سېكرېتارى سۇن جىبىڭنىڭ قىلمىشىنى خاتا دېيەلمىدى.
دۇنياغا كۆز ئېچىش ئالدىدىكى بۇ ھامىلىلەرنى ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقىنى سۇن جىبىڭ بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ تۇتقۇن قىلىنىشنىڭ ئالدى-كەينىدە
«گۈلەن» تەخەللۇسى بىلەن تونۇلغان تور يازغۇچىسى ۋە مۇستەقىل مائارىپچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۆتكەن يىلى 20-ئاۋغۇستتا تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.
مەلۇمكى، ئابدۇۋەلى ئايۇپ خىتاي قانۇنى يول قويغان دائىرە ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن زىيالىيلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئامېرىكىدىن ۋەتەنگە قايتىپ ئانا تۇپراقتا ئۆز ئارزۇسىنى سىناپ كۆرۈش ئۇرۇنۇشى ئاخىرىدا ئۆزىدىن ئىلگىرى شۇ چۈشنى چۈشىگەن قانچىلىغان ئۇيغۇر سەرخىللىرى بىلەن ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولدى.
خىتاي قانۇنى بويىچە شىركەت قۇرۇپ، خىتاي قانۇنلىرىدا تەكىتلەنگەن «ھەر مىللەت ئۆز تىل-يېزىقىدا مائارىپ تەربىيىسى ئالىدۇ» دېگەن ماددا بويىچە ئانا تىلدا يەسلى ۋە مەكتەپ ئېچىشقا تۇتۇش قىلغان ئابدۇۋەلى ئايۇپ 4 ئاي ئىلگىرى تۇتقۇن قىلىندى.
شۇنچە ۋاقىتتىن بۇيان ئۇنىڭ قەيەرگە قامالغانلىقى، كونكرېت ئەھۋالى ھەمدە قاچان سوتلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ھەتتا ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ھېچنېمە بىلەلمىدى.
ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇيدىغان جىيەنى مىرشاتنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇۋەلى ئايۇپ چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قەشقەردە ئانا تىل يەسلىسى ئېچىش يولىدا ئىزدەنگەن، ئاشكارا لېكسىيىلەرنى سۆزلىگەن، توردا ماقالە ئېلان قىلىپ خەلقنىڭ ئانا تىل تونۇشىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشقان ۋە ياشلارنىڭ غايە تىكلىشىگە ياردەم قىلماقچى بولغان.
ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى، نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان دوكتور ئەنۋەر مەمەت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ ئامېرىكىدا شۇنچە ياخشى شارائىت ۋە دوكتورلۇق ئۈچۈن بېرىلگەن ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى تاشلاپ ئۆز غايىسى ئۈچۈن ۋەتەنگە قايتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۇقتۇرۇشىغا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق رەسىمى چاپلاندى
ئامېرىكىدىكى ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت پائالىيىتىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تونۇشتۇرۇلىدىغانلىقى نامەلۇم بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتە چىقىرىلغان ئۇقتۇرۇشقا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى چاپلانغان.
«رەڭدار تۈركىي دۇنياسى» ناملىق بۇ پائالىيەتنى ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى مەدەنىي ئالاقە كۇلۇبى بىلەن سان فىرانسىسكودىكى تۈرك-تاتار جەمئىيىتى بىرلىشىپ ئورۇنلاشتۇرغان.
پائالىيەت 11-يانۋار چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىكەن. پائالىيەتتە تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ ناخشا-مۇزىكا، كىيىم-كېچەك ۋە يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق رەڭدار مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلىدىكەن.
پائالىيەت ھەققىدىكى ئېلاندا ھېچقايسى تۈركىي تىللىق مىللەتنىڭ ئىسمى ئالاھىدە ئاتالمىغان بولسىمۇ، ئېلان ۋاراقچىسىغا ھەر-بىر تۈركىي تىللىق مىللەتنىڭ بايراقلىرى چاپلانغان.
ئېلانغا چاپلانغان 12 بايراق سۈرىتى ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى ئوڭ تەرەپ بىرىنچى رەتكە تىزىلغان.
«شىنجاڭ سىنىپى» دىكى بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئۆلۈۋالغان
گۇاڭدۇڭدىكى ئاتالمىش «شىنجاڭ سىنىپى» دا ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى 7-يانۋار ئەتىگەندە 6-قەۋەتتىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالغان، دائىرىلەر مەزكۇر ۋەقەنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە ۋەقە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى دوڭگۇەن شەھىرىگە جايلاشقان بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە يۈز بەرگەن. ئۆزىنى ئولتۇرۇۋالغۇچى بۇ يىل تولۇق 2-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر يىگىت ئىكەن.
بۇ ئوقۇغۇچنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قايسى شەھىرىدىن كەلگەنلىكى، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆلۈم يولىنى تاللىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا قارىتا يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭ سىنىپى» تۈزۈمىگە 10 يىلدىن ئاشتى. مەزكۇر سىياسەت ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدا ھەرخىل ئەندىشىلەرنى قوزغىغان ئىدى.
«ئۇيغۇربىز» تورىدا «شىنجاڭ سىنىپى» ئوقۇغۇچىلىرى «ئوغرىلاپ كېتىلگەن بىر ئەۋلاد» دەپ ئاتالغان.