چاپچال ناھىيەلىك ھۆكۈمەت يېقىندا مەزكۇر ناھىيەدىكى يەر زېمىنى مەجبۇرىي تارتىۋېلىنغان ئەرزدار دېھقانلارنى ساقچىخانىغا تۇتۇپ ئاپىرىپ سوراق قىلغان ۋە تەھدىت سالغان.
دائىرىلەر بۇ ناھىيەگە قاراشلىق 6 كەنتتىكى ئۇيغۇر، شېۋە، قازاق، تۇڭگان ۋە بىر قىسىم خەنزۇ دېھقانلار بىلەن تۈزگەن يەر توختامىنى بىكار قىلىپ، ئۇلارنىڭ 180 مىڭ مو يېرىنى مەجبۇرىي تارتىۋالغان. يەر ئىگىلىرى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ چاپچال ناھىيەلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئەرز قىلغان. ئۇلار يەنە، 16-دېكابىر رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئەھۋالنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
بىراق 21-دېكابىر، ئالاھىدە ساقچىلار ئەرزدار دېھقانلارنى ساقچىخانىغا تۇتۇپ ئاپىرىپ سوراق قىلغان. بىر ئەرزدار دېھقان ئائىلە تاۋابىئاتىنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، ساقچىلار ئەرزدار دېھقانلارنى د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن مۇناسىۋىتى بار، ئەكسىيەتچىل كۈچلەرگە مەنسۇپ ئاخبارات ئەپكارلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان، دەپ ئەيىبلەپ، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ۋە قاماققا مەھكۇم قىلىش بىلەن تەھدىت سالغان.
ئىگىلىشىمىزچە، دائىرىلەر 2012-يىلى «دۆلەت زېمىنلىرىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش» نامىدا، چاپچال ناھىيەسىدىكى دېھقانلار 30 يىللىق كۆتۈرىگە ئالغان 180 مىڭ مو يەرنىڭ توختامىنى بىكار قىلغان.