
كوناشەھەر ناھىيىسىنىڭ سايباغ يېزىسىدا قانلىق ۋەقە يۈز بەردى
ئىگىلىشىمىزچە، 15-دېكابىر قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسى سايباغ يېزىسىدا قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن.
ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ساقچىلىرى ۋەقەدە ئىككى ساقچى ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلام ئىسمائىل ئائىلىسىدىكى 16 كىشىنى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، 15-دېكابىر كەچ سائەت 11 لەر ئەتراپىدا خىتاي ساقچىلىرى سايباغ يېزىسىنىڭ گۈلچىمەن كەنتى 1-ئەترىتىدىكى ئىسلام ئىسمائىل ئائىلىسىنى تەكشۈرگەندە قارشىلىققا دۇچ كەلگەن.
ھۇجۇمچىلار پىچاق ۋە بومبىلار بىلەن ئىككى نەپەر خىتاي ساقچىسىنى ئۆلتۈرگەن.
ۋەقەدىن كېيىن رادىئويىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ مەزكۇر ئۆينى قارا-قويۇق ئوققا تۇتقانلىقى ۋە بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن جەمئىي 16 كىشىنى ئېتىۋەتكەنلىكى مەلۇم.
بۇ، قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدە بىر ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىككىنچى قېتىملىق قانلىق ۋەقە.
16-نويابىر مارالبېشىنىڭ سېرىقبۇيا يېزىسىدا 9 ئۇيغۇر خىتاي ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، 3 خىتاي ساقچىسىنى ئۆلتۈرگەن ۋە ئۆزلىرىمۇ ھۇجۇم مەيدانىدا قۇربان بولغان ئىدى.
15-دېكابىر سايباغ ۋەقەسىدە 6 نەپەر ئايال ئۆلگەن، 21 بالا يېتىم قالغان
15-دېكابىر قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسى سايباغ يېزىسىدا خىتاي ساقچىلىرى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن 16 ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدە 6 ئايالمۇ بار بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن 21 بالا يېتىم قالغان.
يېتىم قالغان بالىلارنىڭ ئەڭ كىچىكى ئەمدىلا 55 كۈنلۈك بولغان بوۋاقتۇر.
خىتاي دائىرىلىرى 16-دېكابىردىكى باياناتىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنى «تېررورچىلار» دېگەن.
ھالبۇكى، ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئاياللار بولۇشى خىتاينىڭ يۇقىرىقى باياناتىغا نىسبەتەن گۇمان قوزغىدى.
د ئۇ ق رەھبەرلىرى بريۇسسېلدا جەم بولۇپ 2014-يىللىق خىزمەت پىلانى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى خادىملار بېلگىيەنىڭ پايتەختى بريۇسسېلدا يىغىن چاقىرىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى جىددىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا مۇھاكىمە ئۆتكۈزدى.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار يىغىندا 2013-يىللىق خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلەپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىگەن ۋە كەلگۈسى پىلانلار ئۈستىدە باش قاتۇرغان.
رابىيە قادىر خانىم مۇنداق دېدى: بىز كېلەر يىلى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى خەلقلەر ۋە سىياسىيونلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تېخىمۇ كۈچلۈك رەۋىشتە ئاڭلىتىمىز ۋە ئامېرىكا، ياۋروپا، جەنۋەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلاردا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قانۇن ماقۇللىتىش ئۈچۈن تىرىشىمىز.
ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن سادىر قىلغان جىنايى قىلمىشلىرىنى سوتقا تاپشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2013-يىلى كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارى مىقياسىدا 10 قېتىمغا يېقىن قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن
2013-يىلى كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارى مىقياسىدا 10 قېتىمغا يېقىن قانلىق ۋەقە يۈز بېرىپ، نەق مەيداندا ئۆلتۈرۈلگەنلەر 150 كە يەتكەن.
بۇلارنىڭ ئىچىدە خەلقئاراغا ئاشكارىلانغان چوڭ ۋەقەلەر تۆۋەندىكىچە: 7-مارت كورلا سايباغ توقۇنۇشى، 23-ئاپرېل 1-قېتىملىق مارالبېشى سېرىقبۇيا ۋەقەسى، 26-ئىيۇن پىچان لۈكچۈن ۋەقەسى، 28-ئىيۇن خوتەن خانئېرىق ۋەقەسى، 28-ئىيۇن ئۇچتۇرپان ۋەقەسى، 20-ئاۋغۇست قاغىلىق يىلقىچى ۋەقەسى، 23-ئاۋغۇست پوسكام كۈيباغ يېزىسى ۋەقەسى، 28-ئۆكتەبىر تىيەنئەنمېن راۋىقىغا ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى، 16-نويابىر 2-قېتىملىق مارالبېشى سېرىقبۇيا ۋەقەسى ۋە 15-دېكابىر قەشقەر سايباغ ۋەقەسى.
بۇلارنىڭ ھەممىسى رادىئومىز ئارقىلىق خەلقئاراغا ئاشكارىلانغان ۋەقەلەر بولۇپ، ۋەقەلەرنىڭ بەزلىرىدە 22، بەزىلىرىدە 16 ئۇيغۇر نەق مەيداندا قىرغىن قىلىنغان.
خوتەن تەۋەككۈل يېزىلىق ساقچىخانا باشلىقى خىتاي ساقچىنىڭ دوختۇر ئابدۇلىتىپكە ئوق چىقارغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
«ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ ۋەقە بۇ يىل 2-سېنتەبىر كەچ سائەت 9:00 لاردا يۈز بەرگەن. شۇ كۈنى بىر خىتاي ساقچى تەييار ئوكۇلنى كۆتۈرۈپ يېزىلىق دوختۇرخانىغا كەلگەن ۋە دوختۇر ئابدۇلىتىپتىن بۇ ئوكۇلنى سېلىپ قويۇشنى تەلەپ قىلغان.
تەييار ئوكۇلنى سېلىش سەھىيە قائىدىسىگە خىلاپ بولغاچقا ئابدۇلىتىپ ئوكۇل سېلىشىنى رەت قىلغان. لېكىن ساقچى ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىپ، كارىدورىدا ئابدۇلىتىپكە قارىتىپ ئوق چىقارغان.
ۋەقەدىن كېيىن ئابدۇلىتىپ ناھىيىلىك ساقچىغا ئەرز قىلغان بولسىمۇ، بىراق دائىرىلەر ھېچكىمنى جازالىمىغان، ھەتتا بەزى ساقچىلارنى ئۆستۈرۈپ باشقا جايغا يۆتكەپ كەتكەن.
خوتەن تەۋەككۈل يېزىلىق ساقچىخانا باشلىقى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: خىتاي ساقچىسى دوختۇر ئابدۇلىتىپكە ئوق چىقىرىپ خاتالاشتى، دېدى.
ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ خىتاي يەر ئىگىلىرىگە ياللانما بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم
يېقىندا، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى 260 مىليون يېزىلىق كۆچمەن خىتايغا شەھەر نوپۇسى بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بۇ سىياسەت شەھەرلەرگە بېرىپ ئىشلەش ئارزۇسىدىكى ئۇيغۇرلارغا توغرا كەلمىگەن.
يېرى ئاز، جان سانى كۆپ بىر دېھقاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ جان ساقلاش ئۈچۈن شەھەرلەردە ئىشلىمەكچى بولغان، ئەمما شەھەردە نوپۇس بېرىلمىگەچكە ئۆي ئىجارىگە ئالالمىغان. ئۇ ئاخىرى ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا يېڭى كېلىپ كەڭ كۆلەمدە يەر ئىگىلەۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىگە ياللانما بولۇشقا مەجبۇر بولغان.
نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ دېھقان مۇنداق دېدى: بىزدە يەر ئاز. خىتايلار تېرىيدىغان يەر نەچچە يۈز موغا يېتىدۇ. بىزنى شەھەردىن ھەيدەيدۇ، ئاخىرى جان ساقلاش ئۈچۈن خىتايلارغا ياللىنىپ ئىشلەۋاتىمىز.
بۇ ھەقتە توختالغان كانادادىكى يازغۇچى غۇلام ئوسمان ئەپەندى بۇ خىل ھالەتنىڭ يېڭى يانچىلىق تۈزۈمىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ئۇيغۇرلارنى ھەر جەھەتتىن كەينىگە چېكىندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.