ياۋروپادىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى 14-15-دېكابىر كۈنلىرى ئارقا-ئارقىدىن سايلام ئۆتكۈزۈپ، باشقۇرۇش ھەيئەتلىرىنى يېڭىدىن سايلاپ چىقتى. بۇ تەشكىلاتلاردىن بىرى بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدۇر.
بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامغا بېلگىيەدە ياشاۋاتقان 200 ئەتراپىدا ئۇيغۇر قاتناشقان بولۇپ، ئابدۇللا ئۆمەروف ئەپەندى جەمئىيەتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. دېموكراتىيەلىك ئۇسۇلدا، دوستلۇق ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ سايلامغا بېلگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن سېيىت تۈمتۈرك، ئۆمەر قانات، ئۈمىد ئاگاھى، ئەسقەر جان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ۋە د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىللىرىدىن ئەنۋەرجان قاتارلىق رەھبەرلەر كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتناشتى.
بىز سايلام توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە يېڭىدىن سايلانغان ئابدۇللا ئۆمەروف ۋە بۇ سايلامغا كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتناشقان د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
ئابدۇللا ئۆمەروف ئەپەندى، ئۆزىنىڭ 3-قېتىم بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى، خەلقنىڭ بۇ ئۈمىدىنى يەردە قويماي ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياۋروپانىڭ مەركىزى بولغان بىريۇسسېلدا تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپادىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا بولۇپمۇ ياۋروپانىڭ پايتەختى ھېسابلىنىدىغان بىريۇسسېلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.