ياۋروپادىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى 14-15-دېكابىر كۈنلىرى ئارقا-ئارقىدىن سايلام ئۆتكۈزۈپ، باشقۇرۇش ھەيئەتلىرىنى يېڭىدىن سايلاپ چىقتى. بۇ تەشكىلاتلاردىن بىرى فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدۇر.
فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئىچىدىكى زالدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامغا پارىژ ۋە باشقا شەھەرلەردە ياشاۋاتقان 80 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياش قاتناشقان بولۇپ، ئەركىن ئابلىمىت ئەپەندى جەمئىيەتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. دېموكراتىيەلىك ئۇسۇلدا، دوستلۇق ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ سايلامغا فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ئۆمەر قانات، ئۈمىد ئاگايى، ئەسقەرجان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ۋە د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىللىرىدىن ئەنۋەرجان قاتارلىق رەھبەرلەر كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتناشتى.
بىز سايلام توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە يېڭىدىن سايلانغان ئەركىن ئابلىمىت ۋە بۇ سايلامغا كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتناشقان دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
ئەركىن ئابلىمىت ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزىنى بۇ دەۋاغا باشلاپ كىرگەنلىكىنى، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى فىرانسىيە جامائەتچىلىكىگە چۈشەندۈرۈشتە تىرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. دولقۇن ئەيسا بولسا ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ فىرانسىيەدە بەك مۇھىملىقى، چۈنكى فىرانسىيەنىڭ ب د ت دىكى 5 دائىمىي ئەزانىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.