2013.12.16

د ئۇ ق قەشقەر توققۇزاق ناھىيىسىگە قاراشلىق سايباغ يېزىسىدا يەكشەنبە كۈنى خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن 14 نەپەر ئۇيغۇردىن ئىككى كىشىنىڭ ياش-ئۆسمۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھازىرغىچە ئاشكارىلانغان چەكلىك ئۇچۇرلاردا جىددىي جاۋاب بېرىدىغان گۇمانلىق نۇقتىلار بارلىقىنى بىلدۈردى.

د ئۇ ق خىتاينى ۋەقەگە ئالاقىدار بارلىق ئۇچۇرلارنى تولۇق ئاشكارىلاشقا چاقىرىپ، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا سادىر قىلغان بىر قاتار نامايىشچىلارنى ئۆلتۈرۈش قىلمىشلىرىنى تەنقىد قىلىدىغانلىقى، دۆلەت زوراۋانلىقىنىڭ رايوندا بىر خىل يېڭى يۈزلىنىشكە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ئاخباراتى يەكشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ھادىسىنى«بىر ئوچۇم قاتىللار» نىڭ پىچاق پارتلاتقۇچ بۇيۇملار بىلەن ساقچىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى، دەپ سۈرەتلىگەن.

بىراق، د ئۇ ق يەرلىك مەنبەلەردىن ۋەقەنىڭ ھەقىقىتىگە دائىر بەزى ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئىككى ياش-ئۆسمۈرنى خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ قارا قويۇق ئوققا تۇتۇپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم: بۇ، بۇرۇنقى ۋەقەلەردىمۇ يۈز بەرگەندەك خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى نامايىشچىلارنىڭ ھاياتى-بىخەتەرلىكى بىلەن ھېسابلاشمايدىغانلىقى، ئۇلارنى ئالدى بىلەن ئوققا تۇتۇپ، ئاندىن سورايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دېدى.

د ئۇ ق يەنە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى خىتاينىڭ باستۇرۇش ھەرىكىتىنى توختىتىپ، ئوچۇق-ئاشكارا، ئادىل ۋە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا ئۈندەشكە چاقىردى.