erkin-asiya-radiosi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

رابىيە قادىر خانىم خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى ھارپىسىدا دۇنيانى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى

‏د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم10 -دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بەرگەن باياناتىدا، غەرب ئەللىرى ۋە ئىسلام دۇنياسىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قاتتىق قول سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىردى.

رابىيە قادىر خانىم، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قاراتقان زوراۋانلىق سىياسىتى خىتاي، جۈملىدىن دۇنيا تىنچلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى توختىتىشقا چاقىردى.

رابىيە قادىر خانىم يەنە، بۇ يىل خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقى داۋاملىق ئېغىرلاشقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، نارازىلىق پائالىيەتلىرى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى توختىتىپ قالالمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇتۇشتا نۇرغۇن ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا خادىملىرى: خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى جازالىماقتا

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملىرى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى دىنىي ئېتىقادى سەۋەبىدىن جازالاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىقى سۆزلەر، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كاترىنا لانتوس خانىم ۋە كومىتېت كومىسسارى مارىي ئانن گلەندون خانىم تەرىپىدىن دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى جاكارلانغانلىقىنىڭ 65 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئۇلار باياناتىدا، 48 دۆلەتنىڭ ئىمزا قويۇشى بىلەن ئېلان قىلىنغان مەزكۇر خىتابنامىگە شۇنچە يىل بولغان بولسىمۇ، دۇنيا نوپۇسىنىڭ 75 پىرسەنتى خىتاي ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندە قىلىنىدىغان دۆلەتلەردە ياشايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

باياناتتا خىتاي ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلدى: خىتاي ھۆكۈمىتى، تىبەت بۇددىستلىرى ۋە ئۇيغۇرلار مۇسۇلمانلىرىنى جازالىماقتا.

باياناتتا يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خرىستىئانلار، فالۇنگۇڭچىلارنى «بىدئەتچىلەر» دەپ جازالاۋاتقانلىقى، تۈرمىلەرگە تاشلاۋاتقانلىقى كۆرسىتىلدى.

ميۇنخېندىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا كۆك چېدىر تىكىلدى

10-دېكابىردىن باشلاپ گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقسىمان چېدىر تىكىلدى.

خىتاي كونسۇلخانىسى بىلەن كۆك چېدىرنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 25 مېتىر كېلىدۇ. يولدىن ئۆتكەن ياكى خىتاي كونسۇلخانىسىغا كەلگەن ھەرقانداق كىشىنىڭ كۆزى بۇ چېدىرغا چۈشىدۇ.

تۆت تەرىپىگە ئاي يۇلتۇزنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بۇ كۆك چېدىرنى باش شتابى ميۇنخېن شەھىرىدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى لايىھىلىگەن.

تەشكىلات رەئىسى ئەنىۋەرجان ئەپەندى، مەزكۇر چېدىرنىڭ تاكى خىتاي كونسۇلخانىسى قارشىلىق كۆرسەتكەن ۋە گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئۆز ئىجازىتىنى قايتۇرۇۋالغانغا قەدەر ئېلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئالىمىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى يۇقىرى باھاغا ئېرىشتى

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى «2013-يىللىق مېدىتسىنا ساھەسىدىكى 10 بۆسۈش» قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ دۇنيادا تۇنجى بولۇپ ئىنسان تېرە ھۈجەيرىسىنى تۆرەلمە غول ھۈجەيرىگە ئايلاندۇرغانلىقى ئۇنى مەزكۇر شەرەپكە ئېرىشتۈردى.

بۇ بايقاش ئىنسانلاردىكى پاركىنسون، يۈرەك ۋە يۇلۇن زەخمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىكەن.

ئالىمنىڭ نەتىجىلىرىگە بېرىلگەن يۇقىرىقى باھا ئامېرىكىدا چىقىدىغان «دەۋر» ژۇرنىلىنىڭ بۇ يىللىق سانىغا بېسىلدى.

شۆھرەت مۇتەللىپ ئامېرىكا ئورىگون شتاتى دۆلەتلىك غول ھۈجەيرە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋە تەتقىقاتچىسى.

80 ياشتىن ئاشقان دېھقان ئابدۇرېھىم قارى ساقچىلاردىن تاياق يەپ ھوشىدىن كەتكەن

ئاتۇش شەھىرىنىڭ سۈنتاغ يېزا شورۇق كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئابدۇرېھىم قارىنىڭ ئۆي-جايلىرى مەجبۇرىي چېقىلىپ خانىۋەيران بولغانلىقى مەلۇم.

بۇ يىل 80 نەچچە ياشقا كىرگەن ئابدۇرېھىم قارى 2006-يىلىدىن بۇيان ئۆزىنىڭ شەخسىي قورۇ-جايى ۋە مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بىلەن قانۇن ئارقىلىق تىركەشكەن.

ھالبۇكى، بۇ يىل 9-ئايدا ئاتۇش شەھەرلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسى ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە تېگىشلىك ھەققىنى بەرمەي تۇرۇپلا 7 ئېغىز ئۆيى ۋە باغ-ھويلىلىرىنى مەجبۇرىي چېقىۋەتكەن.

ئابدۇرېھىم قارى ئاكا بۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسەتكەندە ساقچىلار تەرىپىدىن دۇمبالىنىپ ھوشىدىن كەتكەن.

ئابدۇرېھىم قارى ئاكا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئاتۇشتا باش تىققۇدەك جايى بولمىغاچقا ئۈرۈمچىدىكى ئوغلىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

11-دېكابىر چۈشتىن كېيىن شېنجېن شەھىرىدە ئۇيغۇر كاۋاپچى بىلەن خىتاي

بازار باشقۇرغۇچى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ ئۇيغۇر يىگىت يارىلانغان، دائىرىلەر ۋەقەنى تىنچىتىش ئۈچۈن ساقچى چىقارغان.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، توقۇنۇش شېنجىن شەھىرى پىڭشەن يولى بازاردا يۈز بەرگەن.

شېنجېن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋەقەنى ئىنكار قىلمىدى، ئەمما بۇ ۋەقەنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى توغرىسىدا توختىلىشنى رەت قىلدى.

2009- يىلىدىكى «شاۋگۇەن ۋەقەسى» دىن بۇيان خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان چەكلەش ۋە يەكلەش تېخىمۇ كۈچەيگەن. بۇ خىل توقۇنۇشلار بۇ يىل ئۆكتەبىر بېيجىڭدا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل ھۇجۇمىدىن كېيىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپەيگەن ئىدى.