دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش مەسىلىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.
باياناتتا يەنە، خىتاي رەئىس شى جىنپىڭ دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ روھىغا تولۇق قۇچاق ئېچىشقا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇقلىرى قوغداشقا چاقىرىلدى.
باياناتتا دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىگە خىتاي ھۆكۈمىتى قول قويغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ يەنىلا دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ھالبۇكى، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن بىر چۈشلا بولۇپ قالدى خالاس. خىتاي ھۆكۈمىتى 1948-يىلى مەزكۇر خىتابنامىگە ئىمزا قويغان بولسىمۇ، ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى كەڭ كۆلەمدە دەپسەندە قىلىشىنى ئىچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. خىتابنامە ئېلان قىلىنىپ ئارىدىن 65 يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاي دېمىدى.
باياناتتا نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 2013-يىلى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش ھەسسىلەپ كۈچەيتىلگەن مەزگىلدە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىدە ۋەدە قىلىنغان قوغدىنىشقا قاتتىق موھتاج بولغانلىقىنى بىلدۈردى.