duq-jenwe-yighin.JPGد ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 24-نۆۋەتلىك يىغىنىدا. 2013-يىلى 19-سېنتەبىر، جەنۋە.

10‏-دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرە كۈنى. بۇ يىللىق دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرە كۈنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى قاتتىق كەسكىنلىشىپ، تيەنئەنمىن ھۇجۇمى، سېرىقبۇيا ساقچىخانا ۋەقەسى قاتارلىق بىر قاتار توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى قوراللىق باستۇرۇشنى، سىياسىي ۋە دىنىي  كونتروللۇقنى كۈچەيتكەن، بىراق خىتاينىڭ سىياسىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان بىر پەيتكە توغرا كەلگەن ئىدى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادئىومىزغا بەرگەن باياناتىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. ئۇ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە جەلپ قىلىش ئۈچۈن بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، غەرب ئەللىرىنى، ئىسلام دۇنياسىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا چاقىردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئۇنىڭ مىللىي سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى چاقىرىقلارنى رەت قىلىپ، قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە چەتئەلدىكى بۆلگۈنچى ۋە تېررورلۇق كۈچلەر قۇتراتقۇلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن.

رابىيە قادىر خانىم، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قاراتقان زوراۋانلىق سىياسىتى خىتاي، ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى توختىتىشقا، شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللەتلەر ئارىسىغا ئۆچمەنلىك ئۇرۇقى چاچماسلىقىقا چاقىردى.

د ئۇ ق ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇ يىل 12‏-نويابىردىكى سايلىمىدا خىتاينىڭ مەزكۇر ئورگانغا ئەزالىققا سايلىنىشىغا قارشى چىققان. ئۇ خىتاينىڭ ئەزالىققا سايلانسا ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بۇ يىل نويابىردىكى جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى توسۇپ قالالمىغان بولسىمۇ، بىراق بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلەر خىتاينى قوللىغان ئىدى. رابىيە قادىر خانىم، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى  ئىسلام ئەللىرىگە تونۇتۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر خانىم يەنە، بۇ يىل خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقى داۋاملىق ئېغىرلاشقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى توختىتىپ قالالمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇتۇش جەھەتلەردە نۇرغۇن ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر خانىم يەنە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تام لانتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا، سابىق ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھېلارى كلىنتون خانىم بىلەن ئۇچراشقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى ھارپىسىدىكى بۇ ئۇچرىشىش زور ئەھمىيەتلىك، دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۇنىۋېرسال ئەھدىنامىسى 1948‏-يىلى 10‏-دېكابىر ماقۇللانغان.  ب د ت 1950‏-يىلى كىشىلىك ھوقۇق ئۇنىۋېرسال ئەھدىنامىسى ماقۇللانغان 10‏-دېكابىرنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى دەپ ئېلان قىلغان. سەيشەنبە كۈنى، كىشىلىك ھوقۇق ئۇنىۋېرسال ئەھدىنامىسى ماقۇللانغانلىقىنىڭ  65 يىللىق، كىشىلىك ھوقۇق خاتىرە كۈنىنىڭ 63 يىللىقىدۇر.