miyazakining-kitabining-muqawisi-305.pngئوبزورچى مىيازاكى:سەلتەنەتلىك ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى ۋە مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى

ياپونىيىدە تونۇلغان ئاتاغلىق خىتاي ئىشلىرى ئوبزورچىسى ماساھىرو مىيازاكىنىڭ ۋاكو نەشرىياتى تەرىپىدىن «جۇڭگولۇقلارنى چۈشىنەلمەيسىز، ئەگەر ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان جايىنى بىلمىسىڭىز» ناملىق كىتابى نەشر قىلىنغان.

مەزكۇر كىتابتا خىتايدىكى مىللەتلەرنىڭ كۆپلۈكى، ئەگەر ناتونۇش كىشىلەر ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان يېرىنى ۋە مىللەت تەركىپىنى بىلمىسە، بەلكىم ھەممىسىنى خىتاي مىللىتى دەپ خاتا چۈشىنىپ قىلىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا توختالغان.

مىيازاكى ئەسىرىدىكى «ئىسلام بىرلىكى – قۇرئان دۇنياسىغا نېمە بولغاندۇ؟» دېگەن بابىنىڭ «سەلتەنەتلىك ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ كۈنلىرى»، «مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى» سەرلەۋھىلىك قىسىملىرىدا، خىتايدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تارىخىدا ياراتقان سەلتەنەتلىك ئىمپېرىيىسىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۈيۈك تارىخىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ،بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان: ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جۇغراپىيىلىك جەھەتتە تولىمۇ مۇھىم جاي. قەدىمدە بۇ رايون تۈرك خانلىقىنىڭ تەۋەلىكىدىكى زېمىن بولۇپ، بۇ تۇپراقتا پەقەتلا تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر ياشايتتى. كىشىلەر يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقان ئۇيغۇر ئېلىنى كۆپىنچە رومانتىك خىيال قىلىدۇ. ئەمما بۇ گۈزەل تۇپراقنى تارىختا موڭغۇللار،مانجۇلار تاجاۋۇز قىلىپ ئىشغالىيەت قىلغان. ھازىرقىي تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى تۈركلەر ئەسلىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىن، موڭغۇلىيە ئىگىزلىكىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان سەلتەنەتلىك ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىدىن ياۋروپا بىلەن ئاسىيانىڭ كېسىشىش ئېغىزى، شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئۇچرىشىش دوقمۇشى تۈركىيىگە كېڭەيگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بولسا تۈركىستان دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ دەگەنلىك تۈرك دۆلىتى دېگەنلىكتۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى دۆلىتى 744 – يىلى قۇرۇلۇپ، 745 – يىلى ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ زېمىنى قىرغىزىستانغىچە كېڭەيگەن. ئۇلار ناھايىتى باتۇر،خەۋپكە تەۋەككۈل قىلىدىغان، قورقماس، دائىم كۆچۈپ يۈرىدىغان مىللەت.

مىيازاكى ئەسىرىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كېيىنكى تەغدىرى ھەققىدە توختىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان:20 – ئەسىردە چىڭ سۇلالىسى ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋالغان.ئۇزاق ۋاقىتلار كېيىن يەنى 1933 – يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944 – يىلى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 1949 – يىلى بېيجىڭدا جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن تەڭ خىتاي كومپارتىيىسى مانجۇرىيە،تىبەت، ئىچكى موڭغۇل ۋە شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغان. شەرقىي تۈركىستاننىڭ نامىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئۆزگەرتكەن. ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئۆز ۋەتىنىنى شىنجاڭ دەپ ئاتىمايدۇ. شىنجاڭنىڭ خىتاي تىلىدىكى مەنىسى «يېڭى تۇپراق، يېڭى چېگرا»دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. خىتايلار شۇنداقلا تىبەتنىمۇ شىزاڭ دەپ ئاتايدۇ. ئەمما تىبەت خەلقى بۇ نامنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ. ئەگەر خىتاي كومپارتىيىسى ياپونىيىنى بېسىۋالسا، ياپونىيىنىڭ نامى «خىتاينىڭ يىراق شەرقىدىكى ۋو ئاپتونوم رايونى» دەپ ئۆزگەرتىلىشى مۇمكىن. چۈنكى تارىختا خىتايلار ياپونلارنى «ۋو مىللىتى» دەپ ئاتىغان. خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تۇپراقلىرىنى ئۆز قولىغا قايتۇرۇپ ئېلىشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەققانىي كۈرەشلىرى بۇ بىر تەبىئىي ئەھۋال.

ماساھىرو مىيازاكى ئەپەندى
ماساھىرو مىيازاكى ئەپەندى

ئاپتور ئەسىرىدە ھازىرقىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىسلام دىنىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان: ھازىر بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر توپىلاڭچىلىرىدىن قورقۇپ ئەنسىرەۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ قۇرئان ئوقۇشى چەكلەنگەن. دىنىي كىتابلارنى نەشر قىلىشىغا رۇخسەت يوق. ئىسلام دىنىنى پەقەتلا ئېغىز ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سىياسىتى ئاستىدا تەشۋىق قىلىنىشقا يول قويۇلغان. تارىختا ئەرەب يېرىم ئارىلىدا دۇنياغا كۆز ئاچقان ئىسلام دىنى ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋروپاغىچە ئۆزىنىڭ ئۇيۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقى بىلەن تارىلىپ، مىسلىسىز قۇرئان دۇنياسىنى شەكىلەندۈرۈپ ئۆزىنىڭ سەلتەنەتىنى تىكلىگەن. ئىسلام ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر قىسمى بولغان بۇ تۇپراقتا ئەمدى نېمىلەر يۈز بېرىۋاتقاندۇ ؟ قۇرئان دۇنياسىغا نېمە بولغاندۇ ؟

مىيازاكى ئەسىرىدە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلدىكى ئەھۋالى توغرىسىدا تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان: ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھازىر خىتايلارنىڭ نوپۇسى 40% تىن يۇقىرى بولۇپ، ئەڭ دەسلەپكى بۇ رايونغا ئەۋەتىلگەن كۆچمەن خىتايلار ماۋ زېدۇڭ زامانىسىدا كەلگەن خىتايلاردۇر. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۇەن خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن كۆپلىگەن خىتاي قىزلىرىنى شىنجاڭغا يۆتكەپ، ئۇلارنى مەجبۇرىي ھالدا ئۇيغۇرلارغا ياتلىق بولۇشقا مەجبۇرلىغان. خىتاي كومپارتىيىسى خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت، گاز بازىلىرىغا يۆتكەپ، تەكلىماكان قۇملۇقى ئىچىگە ئىگىز قەۋەتلىك بىنالارنى سېلىپ شەھەر بەرپا قىلدى. تەڭرىتېغىنىڭ مول سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى قۇردى. مەسىلەن، شىخەنزە ھازىر 650 مىڭ نوپۇسقا ئىگە شەھەر بولدى. شىخەنزە نوپۇسىنىڭ 95% ى كۆچمەن خىتايلاردۇر. ئۇندىن باشقا ۋۇجاچۈي، كۈيتۇن، ئالاتاۋ ۋە كورلا قاتارلىق شەھەرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىدىن خىتايلارنىڭ نوپۇسى كۆپ. ئۇيغۇر ئېلىگە ھازىرمۇ ئۈزلۈكسىز كۆچۈرۈلۈۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پاختا تېرىش، پەمىدۇر ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت دېھقانچىلىقنى كۆتۈرە ئېلىۋالغان. دۇنيا پاختىسىنىڭ 40% خىتايدا ئىشلىنىدۇ. دۇنيادا ئىشلەپچىرىلىدىغان پەمىدۇر قىيامىنىڭ 17% ى شىنجاڭدا ئىشلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا تاۋۇز، قوغۇن، ئۇزۇم قاتارلىقلار مىۋىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىن دۇنيانىڭ باشا جايلىرىغا ئېكىسپورت قىلىنىدۇ. ئۈرۈمچى، تۇرپان، قۇمۇل قاتارلىق جايلاردا كۆپلىگەن ئۈزۈم ھاراق زاۋۇتلىرى قۇرۇلغان.

ئاپتور ئەسىرىدە يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى توغرىسىدىمۇ توختىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان. ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەخمىنەن ئۈچ يۈز مىڭ خىتاي ئارمىيىسى بار. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش، خىتاي مىللىتىنىڭ ئامانلىقىنى قوغداشتۇر. ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي ئارمىيىسىنىڭ كۆپلىگەن بازىلىرى بولۇپ، خوتەندە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ 38 – ۋە 224 – قىسىم ھەربىي بازىسى بار. خىتاي خەلق ئارمىيسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى تەيۋەننىڭ يەر كۆلىمىنىڭ ئىككى ھەسسىگە تەڭ كېلىدۇ. شۇڭا شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى خىتايلار مۇنداقچە ئېيتقاندا «چۈش بولۇپ قالدى» دەپ مەسخىرە قىلىشىدۇ.

مىيازاكى ئەسىرىدە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر مۇستەقىللىقى ھەرىكىتى توغرىسىدا توختىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتى يەنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش ئىدىيىسى كۈچلەنگەن بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 2012 – يىلى 6 – ئايدا توكيودا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىنى چاقىردى. يىغىنغا كۆپلىگەن پارلامېنت ئەزالىرى قاتنىشىپ رابىيە قادىرغا مەدەت بەردى. 2013 – يىلى رابىيە قادىر ياپونىيىگە زىيارەتكە كېلىپ كۆپلىگەن شەھەرلەردە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي بۇ دوكلات توغرىسىدا ئۆزىنىڭ مەتبۇئات ۋە تېلېۋىزىيىسىدە بۇنىڭغا ئائىت ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىدى.

ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئوبزورچى مىيازاكى ئەپەندىنىڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلىرىدىن بىرى ناكو خانىم بۇ توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:

– ئوبزورچى مىيازاكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا كۆپلىگەن ماقالە ۋە ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدى. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى ھىمايە قىلىدىغان، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشى دوستى دەپ ئويلايمەن.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.