yang-jyenli-tibet-namayish-305.jpg«جۇڭگو پۇقرالار كۈچى» ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ياڭ جيەنلى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى تىبەتلەرنىڭ نامايىشىدا سۆز قىلدى. 2012-يىلى 8-فېۋرال، ۋاشىنگتون.

«جۇڭگو پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتى دېموكراتىك ئەللەرنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا خىتايغا قارشى ئاۋاز بېرىشكە چاقىردى.

ب د ت ئومۇمى قۇرۇلتىيىنىڭ 2014-، 2016-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئەزالىرىنى تولۇقلاپ سايلاش سايلىمى 12-نويابىر ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ قېتىم ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىن كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا 13 دۆلەتنىڭ تۆتى تولۇقلاپ سايلىنىدۇ. خىتاي، سەئۇدى ئەرەبىستان، ۋىيېتنام، مالدىۋې ۋە ئىيوردانىيە قاتارلىق 5 دۆلەت ئۆزىنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەن. بىراق، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىر نەچچە ئاي ئاۋۋال خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئەزالىقىغا قارشى ھەرىكەت قوزغىغان ئىدى.

شۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىنى بازا قىلغان ب د ت كۆزىتىش تەشكىلاتى، ناملىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىيوردانىيە ئۆتكەن ھەپتە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزالىق نامزاتلىقىدىن چېكىنىپ چىقىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان، ۋىيېتنام بولۇپمۇ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇپ سايلىنىشىغا يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەن. ئىيوردانىيەنىڭ نېمە ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ پەيتتە ئەزالىقتىن چېكىنىپ چىققانلىقى مەجھۇل. ئۇنىڭ چېكىنىپ چىقىشى بىلەن، بۇ يىل ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىن كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە 4 ئەزا دۆلەتنى تولۇقلاپ سايلايدىغان 12‏-نويابىردىكى سايلامدا، خىتاي قاتارلىق نامزاتلار ھېچقانداق رىقابەتكە دۇچ كەلمەيدۇ.

ھالبۇكى، خىتايدىن باشقا قالغان ئىككى نامزات سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ۋىيېتنام كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى سەۋەبلىك خىتايغا ئوخشاشلا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بايقۇت قىلىشىغا ئۇچراپ كەلگەن.

ب د ت كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى خېلىل نۇر، ئۆتكەن جۈمە كۈنى جەنۋەدە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاگاھلاندۇرۇپ: ئەگەر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق چېمپىيونى، يەر شارى كىشىلىك ھوقۇق سوتچىسى قىلسا، بۇ سىياسىي مەھبۇسلارغا ۋە بۇ ھاكىمىيەتلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى باشقا كىشىلەرگە قىلىنغان ھاقارەت بولىدۇ، دېگەن.

ئۇ يەنە خىتاي، كۇبا، رۇسىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنى «ئۆز خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا سىستېمىلىق بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋەزىپىسىدە ئىزچىل خاتا يولغا بىلەت تاشلاپ كەلدى» دەپ تەكىتلىگەن.

«جۇڭگو پۇقرالار كۈچى» ناملىق تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى دوكتور ياڭ جيەنلى، خىتاينىڭ سايلىنىش ئېھتىماللىقى كۈچەيگەن بولسىمۇ، بىراق ئەتىكى سايلامدا دېموكراتىك ئەللەرنى خىتايغا قارشى بىلەن تاشلاپ، ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى ئىپادىلەشكە چاقىردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: بىز خەلقئارا سىياسەتنىڭ ناھايىتى ئەمەلىيەتچان ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. جۇڭگو ئۆلچەمگە توشمىسىمۇ، بىراق بەزى دۆلەتلەر مەنپەئەت سودىسى قىلىپ ئۇنىڭغا بىلەت تاشلىشى مۇمكىن. بىراق بىزنىڭچە خەلقئارا جەمئىيەتكە بىز چوقۇم شۇ مەسىلىنى ئەسكەرتىشىمىز كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق بىر ئۆلچەمگە ئېھتىياجلىقمۇ-ئەمەسمۇ؟ ئەگەر بىر ئورتاق كىشىلىك ھوقۇق ۋە تەرتىپ ئۆلچىمى بولمىسا، دۇنيا تەرتىپى قانداق داۋاملىشىدۇ؟ جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق ئاپىتى يۈز بېرىۋاتقان چوڭ دۆلەت. جۇڭگو ھۆكۈمىتى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىسى. بۇنداق بىر دۆلەت ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ سەھنىسىدە ئولتۇرسا، بۇ ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئاھانەت ئەمەسمۇ؟ بولۇپمۇ ئۇنىڭغا قوللاپ بىلەت تاشلىغان دېموكراتىك ئەللەر ئۈچۈن ئاھانەت ئەمەسمۇ؟ بۇنىڭ ھەممىسىنى تارىخ خاتىرىلەيدۇ. شۇڭا بىزنىڭچە بۇ ناھايىتى قىيىن مەسىلە بولسىمۇ، بىراق بىز بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىشىمىز لازىم.

ياڭ جيەنلىنىڭ «جۇڭگو پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتى بىر قانچە ئاي ئاۋۋال خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزالىقىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتى قوزغاپ، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىپلا قالماي، ئۇيغۇر تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇۋاتقانلىقى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمى ۋە ئەھدىنامىلىرىگە خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. تەشكىلات خىتاينىڭ مەزكۇر كېڭەشكە سالاھىيىتى توشمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنى خىتايغا بىلەت تاشلىماسلىققا چاقىرىپ كەلگەن ئىدى.

ئۇنىڭ چاقىرىقىغا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئاساسلىق ئەزالىرى، بەزى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئاۋاز قوشقان. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېدۋارد مىكمىللان-سكوت، ياۋروپا پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتى رەئىسى ئېلمار بروك قاتارلىق سىياسەتچىلەر، كىشىلىك ھوقۇق فوندى، باستۇرۇشقا قارشى ئانىلار ۋە ئاياللار تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا ئاممىۋى گۇرۇھلار بىرلەشمە ئىمزالىق خەت ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەرنى، كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى «نالايىق» بۇ دۆلەتلەرنىڭ نامزاتلىقىنى رەت قىلىشقا چاقىرغان.

دوكتور ياڭ جيەنلى، ئىيوردانىيە خىتاينىڭ تەۋسىيىسى بىلەن مەقسەتلىك چېكىنىپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: ئەسلى 5 دۆلەت 4 ئورۇننى تالىشاتتى. بىراق، ئىيوردانىيە چېكىنىپ چىققانلىقتىن، ئۇنىڭ چېكىنىپ چىقىشىمۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولغان. چۈنكى ئىيوردانىيە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە سايلىنىش-سايلانماسلىققا قىزىقىپ كەتمەيدۇ. نەتىجىدە 4 ئورۇنغا 4 نامزات قالدى. بۇ ئەھۋالدا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ سايلىنىش ئېھتىماللىقى زورايدى. بىراق، ئۇنىڭ 97 ئاۋازنى ئالالماسلىقى ھازىرقى بىردىن-بىر ئېھتىماللىق. 97 ئاۋاز ب د ت دىكى ئەزا دۆلەتلەر ئومۇمى سانىنىڭ يېرىمىدىن كۆپ. ئەگەر ئۇ 97 ئاۋازغا ئېرىشەلمىسە، ئەزالىققا قوبۇل قىلىنمايدۇ. لېكىن بۇرۇنقى تەجرىبىلەردىن قارىغاندا ئۇنىڭ 97 بېلەتكە ئېرىشىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى زور. خىتاينىڭ قانداق نەتىجىگە ئېرىشىشدىن قەتئىي نەزەر، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئارزۇسىنى ئىپادىلىدۇق. ھازىر ئىككى خىل ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بىر خىلى، خەنزۇ، تىبەت، موڭغۇل ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق جۇڭگوغا مۇناسىۋەتلىك توپلارنىڭ ئىمزا توپلاش پائالىيىتى. ھازىر 13 مىڭ ئىمزا توپلاندى. بۇ ئەڭ زور بىر قېتىملىق ئىمزا توپلاش پائالىيىتى. يەنە بىر خىلى، يەر شارى مىقياسىدا چەتئەل كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە سىياسىي شەخسلەرنىڭ ئىمزا توپلاش پائالىيىتى، بۇ خىل ئىمزا توپلاش ئۆتكەن ھەپتە باشلاندى، دېدى.

«جۇڭگو پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىمقى ھەرىكىتى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل تەشكىلاتلىرىنىڭ، خوڭكوڭ ۋە تەيۋەندىكى بەزى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېقىندا چەتئەل ئاخباراتىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، مەدەنىيەت، دىن، تىل، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھوقۇقىغا سىستېمىلىق بۇزغۇنچىلىق قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاينى ئەزالىققا سايلاش «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا يول قويغانلىق»، «قوزىنى بۆرىگە ئامانلىق قىلغانلىق» تۇر.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ سايلىمى ئوسمان ھەسەن ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىدىكى ئىككىيلەننىڭ تيەنئەنمېن راۋىقىغا ئاپتوموبىلدا ھۇجۇم قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان دەپسەندىچىلىك سىياسىتىگە قارىتا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان پەيتكە توغرا كەلگەن.

يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئوسمان ھەسەن، ئايالى ۋە ئانىسى ئاقتۇ ناھىيىسى يېڭىئايماق يېزا دائىرىلىرىنىڭ 2012‏-يىلى 28-ئۆكتەبىر كۈنى، مەزكۇر يېزىدىكى پىلال مەسچىتىنىڭ ئەسلىھەلىرىنى، «قانۇنسىز» دەپ چېقىۋەتكەنلىكى سەۋەبلىك تيەنئەنمېنگە ھۇجۇم قىلغان بولۇشى مۇمكىن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھۇجۇمنى ش ت ئى ھ گە باغلاپ، پىلانلىق، مەقسەتلىك «تېررورلۇق ھۇجۇم» دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ قاراشنىڭ توغرا بولۇشى «گۇمانلىق» دەپ قارالغان ئىدى.

دوكتور ياڭ جيەنلى، تيەنئەنمېن ھۇجۇمىنىڭ «تېررورلۇق» ئىكەنلىكى گۇمانلىق، دەپ قارايدىغان زاتلارنىڭ بىرى. ئۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇق» نى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇشىدىن ھەزەر ئەيلەشكە چاقىردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: 28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېن ئاپتوموبىل ھۇجۇمىدىن قارىساق، ئۇ مەيدانغا بېسىپ كىرگەندە توختىماي كىشىلەرنى قېچىشقا چاقىرغان. ئەگەر ئۇ تېررورلۇق ھەرىكىتى بولغان بولسا ئادەمنى كۆپ ئۆلتۈرۈپ، ھەيۋە پەيدا قىلغان بولاتتى. بىراق، ئۇ بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈشكە قىيمىغان. ئەگەر ئۇ، ئاپتوموبىلىنى بېيجىڭنىڭ مەركىزىدە پارتلاتقان بولسا، دۇنيانىڭ تېخىمۇ دىققىتىنى قوزغايتتى. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا بۇ ۋەقە ھەرگىز تېررورلۇق ئەمەس. ئۇنىڭ ھېچقانداق يولى قالمىغاندا، ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان ھېچقانداق يەر چىقمىغاندا ئامالسىز قېلىپ، بۇ رادىكال يولنى تاللىۋالغان. ئەلۋەتتە، مەن ھەرقانداق زوراۋانلىق ۋەقەسىگە قارشى تۇرىمەن. لېكىن، بىز زوراۋانلىق ھۇجۇمىنىڭ ئارقىسىدىكى بارلىق ئاممىلارنى، بۇنىڭ سەۋەبىنى كۆرۈشىمىز كېرەك. بىز يەنە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى شۇنىڭغا ئاگاھلاندۇرىمىز، پۈتۈن دۇنياغا شۇنى چاقىرىق قىلىمىزكى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ قاتتىق زەربە بېرىشكە ئۇرۇنماسلىقى كېرەك.