
11-نويابىردا ئالماتا شەھىرىنىڭ «نۇرلى» كوفېخانىسىغا جەم بولغان ئۇيغۇرلار 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 80 يىللىقىنى ۋە 1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 69 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.
ئالدى بىلەن ئازادلىق ۋە مۇستەقىللىق ئۈچۈن قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ خەتمە قۇرئان قىلىندى. ئاندىن سۆزگە چىققان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئىككى مۇستەقىل مەملىكەتنىڭ بارلىققا كېلىش ۋە يوقىلىش تارىخى ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىپ، بۈگۈنكى ئەۋلادلارنىڭ بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئېلىشى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈردى. ئۇ شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىرنىڭ كېيىنكى پائالىيەتلىرى ۋە ئومۇمەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
مەزكۇر پائالىيەتتە سۆزگە چىققان سابىق مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى جامالىدىن قەمىردىنوف، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى تەركىبىدە مۇھىم لاۋازىملارنى ئىگىلىگەن تارىخچى ئالىم مۇنىر ئېرزىن ۋە باشقىلار مۇستەقىللىقنىڭ، ئەركىنلىكنىڭ قەدىر-قىممىتىنى، كىشىلەردە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھنىڭ ئويغىنىشىدا مۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
مۇراسىمدا شۇنداقلا سابىق مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىگە سوغىلار تاپشۇرۇلدى، ئاندىن «دىيار» گۇرۇپپىسى ئورۇنلىغان ناخشىلار، شائىرلار ساۋۇت ئىسكەندەروف ۋە نۇربانۇم مەشرەپوۋالارنىڭ ئەل، ۋەتەن، مۇستەقىللىق ھەققىدىكى شېئىرلىرى كۆپچىلىكنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سابىق مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى رەشىدىن مەمەتنىيازوف ۋە تارىخچى ئالىم مۇنىر ئېرزىن مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.