jumhuriyet-xatirlendi-305.pngئۇيغۇرلار ۋاشىڭگوندا ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلىدى

9 – نويابىر كۈنى كەچتە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋاشىنگتون شەھىرى يېنىدىكى فالىس چۇرچ رايونىدا 1933 – يىلى قەشقەردە ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 80 يىللىقى بىلەن 1944 – يىلى غۇلجىدا ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 69 يىللىقىنى تەنتەنىلىك تەبرىكلىدى.

شۇنداقلا بۇ پائالىيەتتە يەنە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقىمۇ خاتىرىلەندى. فالىس چۇرچ رايونىدىكى بىر رېستورانتدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر خاتىرىلەش يىغىنىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بەزى دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق مەسئۇللىرى، ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى، ۋاشىنگتون ئەتراپىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. خاتىرىلەش يىغىنى ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. يىغىننىڭ كۈن تەرتىپىگە بىنائەن خاتىرىلەش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان شېھىتلەرنى خاتىرلەپ نۇتۇق سۆزلىدى.

ئالىم سېيىتوف ئەپەندى ئېچىلىش نۇتىقىدا ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختالدى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بەردى.

مۇراسىمدا د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بۈگۈن ئۇيغۇرلار ئېلىپ بېرىۋاتقان دەۋانىڭ ئىككى جۇمھۇرىيەتنى قۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان دەۋانىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئارقىدىن پېشقەدەم پائالىيەتچى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىدىن بىرى، غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 1933 – يىلى قەشقەردە تۇغۇلغانلىقىنى، 3 – جۇمھۇرىيەتنىمۇ كۆرۈشنى جانابى ئاللادىن تىلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆز دەۋاسىغا ئىگە چىقىشقا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشقا دەۋەت قىلدى.

مۇراسىم پائالىيىتى جەريانىدا يەنە د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ئىلھام مەخمۇت، ئۈمىت ئاگايى، ئەسقەر جان ۋە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى مەسئۇلى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىلەر سۆز قىلىپ، ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش بىلەن بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي ھاياتىدا ئوينىغان رولىغا يۇقىرى باھا بەردى.

پائالىيەتتە گوللاندىيىدىن كەلگەن ئۇيغۇر سەنئەتچى ئايگۈل ھەسەن خانىم ناخشا ئورۇنلىغاندىن كېيىن ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى تەييارلىغان سەنئەت نۇمىرىلىرىنى كۆرسىتىلدى شۇنىڭدەك شېئىرلار دىكلاماتسىيە قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە يەنە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن د ئۇ ق نىڭ ۋەكىللىرىگە خاتىرە بويۇمى تارقىتىلدى.

يىغىن ئاخىرىدا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان تۇردى خوجا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق. ئۇ مەزكۇر ئۇيۇشمىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا توختالدى.

مۇراسىمغا قاتناشقان بىر ئۇيغۇر ياش پائالىيەتتىن كېيىن ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەزكۇر پائالىيەتكە قاتنىشىش ئارقىلىق كۆپ بىلىملەرنى ئۆگەنگەنلىكى ۋە تەسىرلەنگەنلىكىنى ئىزھار قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى 12 – نويابىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرماقتا.