urumchi-qoralliq-saqchi-20130630.jpgئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ياشاۋاتقان رايونلارنىڭ كوچىلىرىغا قويۇلغان قوراللىق ساقچىلار. 2013-يىلى 30-ئىيۇن، ئۈرۈمچى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا قاراشلىق «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتى 31‏-ئۆكتەبىر تىيەنئەنمېن ئاپتوموبىل ھۇجۇمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئاگاھلاندۇردى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ «ئەڭ چوڭ زىيان تارتقۇچى» بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.. لېكىن، كۆزەتكۈچىلەر «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئاشكارا تەھدىت سېلىش بىلەن تەنقىد قىلدى.

خىتاي ئاخباراتى تىيەنئەنمېن ئاپتوموبىل ھۇجۇمىغا كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات ھۇجۇمى قوزغاپ، خىتاي پۇقرالىرىنى ئىتتىپاقلىشىپ، «تېررورلۇققا» قارشى تۇرۇشقا چاقىردى. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا، ئاپتوموبىل ھۇجۇمى بىلەن، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتى ئارىسىدا مۇناسىۋەت بارلىقىنى رەت قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 28‏-ئۆكتەبىر يۈز بەرگەن مەزكۇر ۋەقەنى ئانا-بالا، كېلىن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەقەنى مەقسەتلىك ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن پىلانلانغان «تېررورلۇق» ھۇجۇم، دەپ ئېلان قىلغان. ۋەقەدە 5 ئادەم ئۆلۈپ، ئاز دېگەندە 38 ئادەم يارىلانغانلىقى، ئۆلگەنلەرنىڭ بىرى خىتاي، يەنە بىرىنىڭ فىلىپپىنلىق ساياھەتچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

«يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ «جۇڭگو ئىتتىپاقلىشىپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقا موھتاج» ماۋزۇلۇق ئوبزورچى ماقالىسىدە يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدە ۋە ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنىڭ كۈچەيتىلىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئىچكىرىدە ئوقۇيدىغان، خىزمەت قىلىدىغان «شىنجاڭلىقلارغا» بەزى قۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلسىمۇ، بىراق بۇنىڭغا كۆنۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا قاراشلىق رەسمىي ھۆكۈمەت ئاخبارات ئەپكارىنىڭ ئوبزورى پائالىيەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. د ئۇ ق قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى نۇرمۇھەممەت مۇساباي «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

لېكىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 28‏-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېن ئاپتوموبىل ھۇجۇمى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇپ كەلگەن سىياسىتى ئوتتۇرىسىدا ھەر قانداق ئالاقە بارلىقىنى رەت قىلغان.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزگەن كۈندىلىك ئاخبارات يىغىنىدا: تېررورلۇق بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ مىللىي ۋە دىنىي سىياسىتىنى باغلاپ چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنغان كىشىلەر ياكى بۇ سىياسەتلەرنى ھۆكۈمەتكە ھۇجۇم قىلىشنىڭ سەۋەبى قىلىپ چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنغۇچىلارنىڭ باشقا مەقسىتى بار. بۇ پۈتۈنلەي خاتا. توغرا بىلەن خاتانى پەرق قىلالايدىغان ھەر قانداق ئادەم بۇنى كۆرۈپ يىتەلەيدۇ، دېگەن.

د ئۇ ق ۋە چەتئەلدىكى باشقا خىتاي دېموكراتىك زاتلار تىيەنئەنمېن ھۇجۇمىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرغان.

لېكىن، نۇرمۇھەممەت مۇساباي، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق چىقىش يولى قويمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى ئامالسىز بۇ خىل ۋەقەلەرگە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەدىن كېيىن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئۇيغۇرلارنى تەقىب قىلىشنى كۈچەيتىپلا قالماي، ئۇيغۇر ئېلىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن. ئۇيغۇر ئېلىدىن مەخسۇس ساقچىلار بېيجىڭغا بېرىپ، ۋەقەگە چېتىشلىق دەپ قارالغان گۇمانلىق كىشىلەرنى سۈرۈشتۈرۈشكە قاتناشقان.

ۋەقەدىن كېيىن د ئۇ ق قاتارلىق تەشكىلاتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلاردىن ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ ۋەقەنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ باستۇرماسلىققا چاقىرغان. دۇنيانى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشكە ئۈندىگەن ئىدى.

لېكىن، «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ماقالىسىدە، ئۇيغۇرلارنى تەقىب قىلىش كۈچەيتىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىپ، «پۈتكۈل جەمئىيەت بۇ زوراۋان تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ كەلگەن سەلبىي تەسىرىنى كۆرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شىنجاڭ خەلقى بۇنىڭ سەلبىي تەسىرىنى تونۇپ يېتىشكە ئېھتىياجلىق، بۇنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ھەقەمسايىلىرىغا ھەمكارلىشىش ئارقىلىق يېڭىشى كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن ۋە «پەقەت شۇنداقلا قىلغاندىلا ئوتتۇرىدىكى سوغۇقچىلىقنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىراق، نۇرمۇھەممەت مۇساباي ئەپەندى، ئوتتۇرىدىكى سوغۇقچىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆزى بىلەن ھەمكارلىشىشقا مەجبۇرلاش ئارقىلىق ئەمەس، ئۇلارنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش يۇمشايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پەيشەنبە كۈنى يەنە، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تيەنئەنمېندىكى ۋەقەگە ئىپادە بىلدۈرۈپ، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ زۆرۈر تېپىلسا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە تۇنجى قېتىم ئىپادە بىلدۈرۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.