بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ تيەنئەنمېندىكى ۋەقەنىڭ خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتى بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۈگۈنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بىر مۇخبىر خۇا چۈنيىڭدىن «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خەلقئارا جامائەتنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقە ھەققىدە دېگەنلىرىگە ئىشەنمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، مۇستەقىل تەكشۈرۈش تەلەپ قىلدى، سىلەر بۇنىڭغا قانداق قارايسىلەر» دەپ سورىغان. خۇا چۈنيىڭ بۇنىڭغا جاۋابەن 28-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى ۋەقەنىڭ تېررورلۇق ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى، بۇنداق بىر ھەرىكەتنىڭ قاتتىق جازالىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
خىتاي ساقچى دائىرىلىرى تيەنئەنمېندىكى ۋەقەنى تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھازىرغىچە بۇنىڭغا يېتەرلىك دەلىل كۆرسىتەلمەسلىكى بۇ ھەقتىكى گۇمانلارنى كۈچەيتكەن ئىدى. چەتئەل مەتبۇئاتلىرى بىردەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق بېسىم سىياسىتىدىن شىكايەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ۋەقەنى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى مىللىي زىددىيەتكە چېتىشلىق، دەپ قارىغان. ئەمما بۈگۈن خىتاي باياناتچى خۇا چۈنيىڭ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ «بەزىلەر تېررورلۇق ۋەقەسىنى مىللىي سىياسەتكە چېتىش ئارقىلىق بىزنىڭ مىللىي ۋە دىنىي سىياسىتىمىزگە ھۇجۇم قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ» دېگەن.
ئەمما چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلماي تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا قاراپ تۇرۇپلا ھۆكۈم چىقىرىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە.