2013.10.30

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى چارشەنبە كۈنى تيەنئەنمېندىكى ماشىنا ھۇجۇمى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتى، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر ھۇجۇمنى «تېررورلۇق ھۇجۇمى» دەپ ئاتىغان ۋە ھۇجۇمغا ئالاقىدار 5 گۇماندارنى تۇتقۇن قىلغان، يەنە باشقا 8 گۇماندار ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغاندىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

باياناتتا نەقىل قىلىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم مۇنداق دېدى: مەن بۈگۈن، شەرقىي تۈركىستان  ۋە ئۇيغۇر خەلقنىڭ كەلگۈسىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتىمەن.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: خىتاي ھۆكۈمىتى بۇندىن كېيىن بېيجىڭدىكىگە ئوخشايدىغان ھۇجۇملارنى ئۆزلىرى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا تېخىمۇ ئېغىر باستۇرۇش ھەرىكىتى يۈرگۈزۈشتىن يانمايدۇ.

دۈشەنبە كۈنىدىكى ھۇجۇمدا ھۇجۇمچى ئائىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 ئادەم ئۆلگەن، 38 ئادەم يارىلانغان ئىدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ يېقىنقى زامان بېيجىڭ تارىخىدا تۇنجى قېتىم يۈز  بەرگەن  ئۆزىنى قوشۇپ ئۆلتۈرۈش خاراكتېرلىك ھۇجۇم ئىكەن.