turkiye-jumhhuriyet-xelq-partiyisi-wekili-305.jpgجۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى ۋەكىلى بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى ۋەكىلى توكيودا ئېچىلغان ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. 2012-يىلى ماي
تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىسسىيونى 24-ئۆكتەبىر كۈنى مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، ئاق پارتىيە پارلامېنت ئەزاسى ئۈلكەر گۈزەل خانىم بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى پارلامېنت ئەزاسى ئاتىللا قايا ئەپەندى سۇنغان شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش تەكلىپ لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ، قارار ماقۇللىدى.
نۆۋەتتە، تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىسسىيونى ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانغا بېرىش پىلانىنى تۈزمەكتە.
تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىسسىيونى رەئىسى پارلامېنت ئەزاسى زەفەر ئۈستۈن ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، ئالدى بىلەن پارلامېنت ئەزاسى ئۈلكەر گۈزەل خانىم مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقنىڭ بۇ زۇلۇمغا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بەرداشلىق بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەپسۇسكى بۇ زۇلۇمنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۆرمەسكە سېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۈلكەر گۈزەل خانىم تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ، شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
«خابەر» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، يىغىندا مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى پارلامېنت ئەزاسى رىشات دوغرۇ ئەپەندى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قورسىقىدىكى بوۋاقلارنى مەجبۇرى ئېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىدىن كۆپ پەرزەنت كۆرۈشىگە رۇخسەت قىلمايۋاتقانلىقىنى، 25 مىليون نوپۇسقا ئىگە شەرقىي تۈركىستاننى خىتاينىڭ باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
رىشات دوغرۇ ئەپەندى 24-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر دەۋاسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن، پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرىنى ئايلىنىۋاتقان رابىيە قادىر خانىمنى، نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىپ پارلامېنتلىرىدا كۈتۈۋېلىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ تېخىچە ئۇنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلمايۋاتقانلىقىنى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈركىيەگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئارقىدىن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى پارلامېنت ئەزاسى ئېھسان شەنەر ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ ئىنسان ھەقلىرى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئەمما بۇنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى دەپ خاتا چۈشەنمەسلىكى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
تىنچلىق ۋە دېموكراتىيە پارتىيىسى پارلامېنت ئەزاسى مۇرات بوزلاق ئەپەندى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنىڭ چوقۇم تەكشۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
قەيەردە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى بولسا ئۇنىڭغا قارشى چىقىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن بوزلاق ئەپەندى: سىرتتىكىلەرگە بۇ ھەقتە بىر نەرسە دېيىشتىن بۇرۇن ئۆزىمىزنىڭ ئۆيىنى تازىلىشىمىز كېرەك، چۈنكى تۈركىيەدە ھازىرمۇ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى مەۋجۇت، دېگەن.
بوزلاق ئەپەندى ئىنسان ھەقلىرى توغرىسىدا سۆزلىگەندە ئۇيغۇرلارنى «قېرىنداش» دېيىش توغرا ئەمەس. تۈركىيە قەيەردە قايسى مىللەتتىن قايسى دىندىن ئىنسانلاردا كىشىلىك ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى بولسا ھەممىسىگە قارشى چىقىشى كېرەك دېگەن.
پارلامېنت ئەزاسى مەمەت مەتىنئەر ئەپەندى سۆز قىلىپ: بىز ئىنسان ھەقلىرىگە قېرىنداشلىق نوقتى نەزىرىدىن قارىماسلىقىمىز كېرەك. ئۆزىمىز ئۈچۈن نېمىنى تەلەپ قىلساق ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ شۇنى تەلەپ قىلىشىمىز كېرەك، دېگەن.
ئىككى سائەت داۋاملاشقان مۇزاكىرە ئاخىرىدا، تۈركىيە پارلامېنتى ھەيئىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ، ئىنسان ھەقلىرى جەھەتتىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللانغان.
تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىسسىيونى رەئىسى ئايخان سەفەر ئۈستۈن ئەپەندى خۇلاسە نۇتقى سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: بۇ ھەقتە ئالدى بىلەن تۈركىيەدىكى ۋەقىپ، جەمئىيەت ۋە ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىنى يىغىپ، ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئالىمىز. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەرگە بارىمىز. خىتاي ئۇ يەردە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى يوقلۇقىنى كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. بىزمۇ ئۇ يەردە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى يوقلۇقىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈشنى خالايمىز. ئۇ يەرگە بېرىشتا قىيىنچىلىق چىقمايدۇ، دەپ ئويلايمەن.
«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيە پارلامېنتىدا بولۇپمۇ ئىنسان ھەقلىرى كومىسسىيونىدا داۋاملىق ھالدا كۈن تەرتىپكە كەلمەكتە.