جەنۋەدە تۇرۇشلۇق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا 4 يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنىدا ئۇيغۇرلار چوڭ دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى بۈگۈن، يەنى 22-ئۆكتەبىر كۈنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ئىككىنچى قېتىم كۆزدىن كەچۈردى. بۈگۈن ب د ت دا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا ئالدى بىلەن خىتاي ھەيئىتى دوكلات بېرىپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكىنى ئىنكار قىلغان. ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەرنى ئۇيغۇر تېررورچىلارغا ياردەم قىلدى دەپ ئەيىبلىگەن. يىغىندا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، شۋېتسارىيە، ياپونىيە قاتارلىق دېموكراتىك چوڭ دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارنى قوللىغان. ب د ت دا بۇ يىغىن داۋاملىشىۋاتقاندا بېلگىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، شۋېتسارىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن جەنۋەگە كەلگەن 100 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ب د ت بىناسىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلغان، خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. يىغىن ئاخىرىدا د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمغا ۋاكالىتەن مۇئاۋىن رەئىس ئۆمەر قانات مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تۇنجى قېتىم 2009-يىلى 2-ئايدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ئومۇميۈزلۈك كۆزدىن كەچۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتلىك دوكلاتىنى قاراپ چىققان ئىدى. يەنى، ئۇ ۋاقىتتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ب د ت گە مەخسۇس دوكلات سۇنۇپ ۋە كومىتېت ئەزالىرىغا دوكلات بېرىپ، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ب د ت دە ئوتتۇرىغا قويۇشىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىككىنچى قېتىملىقى ئۈچۈن بىر يىلدىن بېرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قانۇنسىزلىقلىرى توغرىسىدا دەلىل يىغىپ دوكلات تەييارلاپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ھەرقايسى بۆلۈملىرىگە سۇنغان ئىدى. شۇنداقلا رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق ھەيئىتى 9-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە ب د ت نىڭ ھەر قايسى كومىتېتلىرى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دە تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچرىشىپ ئۇلارغا ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىلىرىنى ئاڭلاتقان ئىدى. د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسانىڭ ئېيتىشىچە بۇنىڭ مېۋىسىنى ئۇلار بۈگۈن كۆرگەن.

بەزى مۇتەخەسسىسلەر 2014-يىلى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.