2013.10.20

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىدىكى مەشھۇر ۋەكىللەرنىڭ بىرى ئوسمانجان ساۋۇت 18 – ئۆكتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى. تۇيۇقسىز قوزغالغان كېسەلدىن ۋاپات بولغان ئوسمانجان ساۋۇت بۇ يىل 68 ياشقا كىرگەن ئىدى.

ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى – سىرتتىكى ئەدەبىيات مۇخلىسلىرىنىڭ قايغۇسىنى قوزغىغان بولۇپ، ئۇلار ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى ۋە ئاڭلىق ھاياتىغا يۇقىرى باھا بەردى.

چەتئەللەردە ياشايدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ۋاپاتىغا بولغان تەزىيىسىنى بىلدۈرۈش بىلەن ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئورنىغا يۇقىرى باھا بەردى.

ئوسمانجان ساۋۇت 1960 – 1990 – يىللار ئارىسىدا ئۆزىنىڭ بىر قاتار لىرىك شېئىرلىرى بىلەن ياشلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ئىدى.

ئوسمانجان ساۋۇت 1945 – يىلى ماناس ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1966 – يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا، 1982 – يىلى لۇ شۈن ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. ئۇ، 1961 – يىلىدىن ئېتىبارەن شېئىر ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، «ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ» قاتارلىق 6 شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلدۇرغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن ئىدى.

ئوسمانجان ساۋۇت تالانتلىق شائىر بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە تالانتلىق ئەدەبىي تەرجىمان ئىدى. ئۇ چەتئەللەرنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن رومان ۋە پوۋېستلىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان.

ئۇنىڭ سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تەرجىمە قىلغان ئىلمىي ئاممىباب تەرجىمە ئەسىرى «رەقىبلەر ۋە ئىتتىپاقداشلار» ئۇيغۇر كىتابخانلىرىنىڭ 1940 – يىللار تارىخىنى چۈشىنىشىدە زور رول ئوينىغان ئىدى.

ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ۋاپاتىدىن قايغۇرغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ۋە مەدەنىيىتىنى سۆيگەن ۋە ئۇنىڭغا ئەقىدە باغلىغان زىيالىي ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سىياسىي بېسىملارغا دۇچ كېلىپ، روھى ئازاپلارغا دۇچار بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.