rabiye-yaponiye-doklat.jpgد ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە زىيارىتىدە مۇخبىرلارنى قوبۇل قىلىش يىغىنىدىكى نۇتقىدىن كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 20-ئىيۇن، توكيو.

كېلەر ھەپتە ب د ت دا چاقىرىلىدىغان خىتاينىڭ ئىنسانىي ھوقۇق خاتىرىسىگە قاراپ چىقىش يىغىنى ۋە 12-نويابىر «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى» يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى جىددىي ۋەزىيەتتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم مەزكۇر پائالىيەتلەرنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ مىللىي بۇرچىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى.

چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆكتەبىر ۋە نويابىر ئايلىرى ئەڭ جىددىي ھەم مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەۋا پائالىيەت پەيتى ھېسابلىنىدۇ.

چۈنكى ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي ئىنسانىي ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قاراپ چىقىش يىغىنى ھەر 4 يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان بولۇپ، مەزكۇر يىغىننىڭ كۈن تەرتىپى بويىچە 22-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاينىڭ ئومۇمىي ئىنسانىي ھوقۇق خاتىرىسىگە قاراپ چىقىلىدۇ.

بۇ كۈندىكى جەنۋە بولسا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەر جەھەتتە ئۇچراۋاتقان بېسىملىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشىغا مۇھىم بىر پۇرسەت ۋە سۇپا ھېسابلىنىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، د ئۇ ق مەزكۇر يىغىنغا دوكلات سۇنۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرىدىكەن.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.