islam-elliri-hemkarliq-teshkilati-ekmelidin-ehsanoghli-rabiye.jpgد ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى ھەيئەت يېقىندا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باشلىقى ئەكمەلىدىن ئېھسانئوغلى ئەپەندى بىلەن ئۇچراشتى. 2013-يىلى ئۆكتەبىر، ۋاشىنگتون.

دۇنيا ئىسلام دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ نوپۇزلۇق ئىسلامى تەشكىلاتنىڭ بىرى. بۇ تەشكىلات ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تۇنجى باياناتىنى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى بولغاندا قىلغان. ئۇلار باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا بېسىم ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى ھەيئەت يېقىندا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باشلىقى ئەكمەلىدىن ئېھسانئوغلى بىلەن ۋاشىنگتوندا ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ۋە ئىسلام ئەللىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، بۇ جەھەتتە ئەمەلىي بېسىشقا چاقىرغان.

ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا كەڭ تونۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق داۋاسى خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ۋە دېموكراتىيىنى ياقىلايدىغان ھەرقايسى دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشىپ كەلمەكتە. دۇنيا ئىسلام دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى. ئىسلام دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى بولغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھەددىدىن زىيادە كۈچ قوللىنىش بىلەن ئەيىبلەپ، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلاشقا چاقىرغان. ھەتتا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باش سېكرېتارى ئەكمەلىدىن ئېھسانئوغلى ئۆزى بىۋاسىتە ھالدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا ئۇ باياناتىدا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ تۇپراقلارنىڭ ئەسلى ئىگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مىللىي ۋە دىنىي كىملىكلىرىنى قوغداش يولىدا، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھوقۇقلىرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ مەسىلىلەرنىڭ سۆھبەت يولى ئارقىلىق ھەل بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى. ئەنە شۇندىن بۇيان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كەلمەكتە. 11-ئۆكتەبىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندىلەر ۋاشىنگتونغا زىيارەتكە كەلگەن ئىسلام دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرېتارى ئەكمەلىدىن ئېھسانئوغلى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىندا مەيدانغا كەلگەن بىر قاتار ۋەقەلەر ئۈستىدە مەلۇمات بەرگەن. رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

مەزكۇر تەشكىلات ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۈرۈمچىگە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتكەن. كېيىن، 2010-يىلى ئەكمەلىدىن ئېھسانئوغلى ئۆزى بىۋاسىتە ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردە زىيارەت قىلغان ئىدى. ئۇ، قەشقەرنى زىيارەت قىلغاندا شەھەر باشلىقى ئەكبەر غوپۇر بىلەن كۆرۈشۈپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ كونا ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشنى، ھەر قانداق ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەھەرنىڭ مەدەنىي مىراسلىرىنى ۋەيران قىلىش بەدىلىگە قۇرۇلماسلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۇندىن ئىلگىرىمۇ ئەكمەلىدىن ئېھسانئوغلى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشقان ۋە بۇ تەشكىلاتقا ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دوكلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى تۈزۈپ چىققان دوكلاتلارنى سۇنۇپ كەلگەن. رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەكمەلىدىن ئېھسانئوغلى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خىتاي بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلاردا جىددىي يوسۇندا ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن تەشكىلاتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رابىيە قادىر خانىم سۆزى داۋامىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام ئەللىرى بىلەن نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا سودا ئالاقىلىرى ۋە سىياسىي ئالاقىلىرى كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە ئىسلام ئەللىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەشكىلاتلىرى بىلەن قويۇق ئالاقە ئورنىتىپ، ئۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىدىن خەۋەردار قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇندىن كېيىن ئىسلام ئەللىرى بىلەن بولغان بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.