
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى دولقۇنلىرى ۋە تور ئېكرانى ئارقىلىق، خىزمەت ئوقۇش ۋە ھىجرەت ھەمدە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى قۇربان ھېيت مەزگىلىدە ئەل-يۇرتتىن، قوۋمى-قېرىنداش، دوست-يارەنلەردىن يىراقتا تۇرۇۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا ۋە تورىنىڭ خىزمەتلىرىنى يېقىندىن قوللاپ بەرگەن بارلىق ئاڭلىغۇچى، كۆرەرمەن، ئىخلاسمەنلىرىمىزگە، ئوخشىمىغان ئەللەردە ئوخشىمىغان شارائىتلاردا جاپالىق خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان بارلىق ئىختىيارىي مۇخبىرلار، يازغۇچى، شائىرلار، فوتوگرافلارغا، بىزگە قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىپ كەلگەن بارلىق دوستلارغا ئايەملىك سالام يوللايمىز. بىز ئوخشىمىغان ئەللەردە ياشاۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ئوخشاش ھېس، ئوخشاش ئىنتىزارلىق، ئوخشاش يۇرت سۆيگۈسىگە ئىگە ھىجرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قۇربان ھېيتنى قانداق كۈتۈۋېلىۋاتقانلىقى، ھېيتتىكى خۇشاللىق تەنتەنىسىدىن سىزلەرنى خەۋەرلەندۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ ھېيتلىق ئوتلۇق سالاملىرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن مەزكۇر پروگراممىنى سىلەرگە ئايەملىك سۇندۇق.
ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ھېيت بايرام مەزگىللىرى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەڭ ئالدىراش مەزگىلىنىڭ بىرى چۈنكى، مۇشۇنداق ھېيت بايرام كۈنلىرىدە ھەر قايسى جايلاردا چېچىلىپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ھېيت باھانىسىدە بىر يەرگە جەم قىلىش ۋە مەدەنىي تەنتەنە پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئۇلارغا ھېيت بايراملىق خۇشاللىقى يەتكۈزۈش تەشكىلاتلارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە. ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ قېتىملىق قۇربان ھېيت نامىزىنىمۇ ئۇيغۇرلار بىرگە ئوقۇماقچى بولۇپ، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ھېيتلىق ئالاھىدە پروگراممىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن.
ھېيت كۈنلىرى، دۇنيانىڭ مەيلى قانداقلا يېرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرسىڭىز، ساھىبخانىنىڭ ئۇيغۇرچە مىللىي كىيىملىرى دوپپىسىنى كىيىۋالغانلىقىنى، ئۆيلەرنىڭ ئۇيغۇرچە سەرەمجانلاشتۇرۇلغانلىقى، ھەتتا ھېيت دوختۇرخانىنىڭمۇ، ساڭزا، تۈرلۈك پېچىنە-پىرەنىك قاتارلىق نازۇنېمەتلەر بىلەن ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىكىدەكلا ئوخشاش پۇراقتا، ئاجايىپ مول تىزىلغانلىقىنى كۆرىسىز، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان زەيتۇنبۇرنۇ رايونىدا ياشاۋاتقان نۇرئەلا خانىم يېرىم ئەسىردىن بېرى مانا شۇ ئۇدۇمغنى ساقلاپ كەلمەكتە ۋە ئەۋلادلىرىغا قالدۇرۇشقا تىرىشماقتا، نۇرئەلا خانىمنىڭ ھېيت تەييارلىقى پۈتۈپ قالدىمۇ بىللە يوقلاپ چىقايلى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياۋروپا ئەللىرىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، نورۋېگىيەگە ئوخشاش بۇرۇن ئۇيغۇرلار ئاز جايلاردىمۇ خېلى چوڭ بىر ئۇيغۇر جامائىتى شەكىللەنگەن بولۇپ، نورۋېگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى سەمەت ئەپەندى، بۇ ھېيت نامىزىنى ئوسلودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەسچىتىدە بىرگە ئوقۇيدىغانلىقىنى ئېيتتى، ۋە ھېيت بايرام كۈنلىرىنىڭ چەتئەللەردە تۇغۇلۇپ بۈيۈۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۆرۈپ ئادەت، ئەنئەنىلىرىنى كۆرسىتىدىغان مۇھىم بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
پروگراممىمىز ئاخىرىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلارنى قۇربان ھېيت خاسىيىتى بىلەن قۇتلۇقلايمىز، ئەزىز تېنىڭلارغا سالامەتلىك، ئائىلەڭلارغا ئىللىقلىق خاتىرجەملىك، خىزمەت ۋە ئوقۇشلۇرۇڭلارغا ئۇتۇقلۇق تىلەيمىز. قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھېيتلىق ئامانىتىنى ۋە مۇخبىرىمىزنىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.