2013.10.13

11 – ئۆكتەبىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ۋاشىنگتونغا زىيارەتكە كەلگەن ئىسلام دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرېتارى ئەكمەلىدىن ئېھسان ئوغلى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر ئېھسان ئوغلى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي ۋە مىللى بېسىملىرى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىپ، ئىسلام دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلدى.

ئىگىلىشىمىزچە، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشغا ئەكمەلىدىن ئېھسان ئوغلىدىن باشقا يەنە ئىسلام دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بدت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ۋە باشقا ئەربابلار قاتناشقان. ئېھسان ئوغلى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ قاتتىق دەخلى – تەرۈزگە ئۇچراش ئەھۋالىدىن ياخشى خەۋەردار ئىكەنلىكى، بۇ مەسىلىنىڭ ئىسلام دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خىزمەت تەرتىپلىرىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ ۋە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بۇ مەسىلىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسلام دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتى خەلقارا ئابرويى يۇقىرى تەشكىلات بولۇپ، ئۇنىڭغا 57 دۆلەت ئەزادۇر. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بۇ تەشكىلاتنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشىگە دىققەت بىلەن مۇئامىلە قىلماقتا.