
ئەلجەزىرە قانىلى دالاي لامانىڭ «شەرقىي تۈركسىتان» سۆزىنى ئىشلىتىشى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق داۋاسىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ خەلقئارادا دالاي لاماغا ئوخشاش مۇھىم شەخسلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىۋاتقان بىر شارائىتتا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى جىمىقتۇرۇپ بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تىبەت روھانى داھىسى دالاي 2010 – يىلى 3 – ئايدا تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 51 يىللىقىنى خاتىرلەش مۇناسۋىتى بىلەن دارامسالادا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان، نامىنى قوللۇنۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن تەۋرەنمەي بىرگە تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
دالاي لامانىڭ «شەرقىي تۈركسىتان» سۆزىنى ئىشلىتىشىدىن قاتتىق بىئارام بولغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، دالاي لامانىڭ سۆزى «ئۇنىڭ دۆلەتنى پارچىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش تەبىئىتىنى نامايەن قىلدى» دىگەن ئىدى.
ئەلجەزىرە قانىلى تور بېتى پەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاسى تونۇشتۇرۇلغان بىر مۇلاھىزىسىدە مانا بۇ ۋەقە ئۈستىدە توختۇلۇپ، خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن سۆزدىن شۇنچە قورقىدىغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەيەرلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.
مەزكۇر ماقالىگە «دالاي لامانىڭ قۇتراتقۇچى ئەپسۇنى» دېگەن قىزىقارلىق بىر ماۋزۇ قويۇلغان بولۇپ، مۇلاھىزە مۇنداق باشلانغان: «دالاي لامانىڭ سۆزلىرىنىڭ ئادەتتە كىشىلەرنى تېنچلاندۇرۇش رولى بار. ئەمما ئۇ، پات – پات دەيدىغان بىر سۆز بولسا خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدۇ. بۇ سۆز قانداقتۇ تىبەت بۇدخانىلىرىدىن ئۆگىنىدىغان ئەپسۇن ئەمەس. بەلكى ئۇ بىر جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇ. ئۇ بولسىمۇ شەرقىي‹تۈركىستان›».
ئەلجەزىرە ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى رىچارد لوۋرىي مانا بۇ جۈملىلىرىدىن كېيىن خىتاي رەھبەرلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلىدىغان «شەرقىي تۈركىستان» نىڭ ئەسلىدە خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى كەڭ بىر زېمىن ئىكەنلىكى، ئۇ يەردە «ئۇيغۇر» دەپ ئاتىلىدىغان ۋە تۈركىي تىللار سېستىمىىسدا سۆزلەيدىغان بىر مۇسۇلمان خەلق ياشايدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تىبەتلەرگە ئوخشاشلا مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ شۇنداقلا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ يىل يازدا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەرنى تىلغا ئېلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا داۋام قىلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن بۇ خىل ھەرىكەتلەرنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىمەكتە» دېگەن.
ئاپتور سۆزىنى مۇنداق داۋام قىلغان: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ تىبەتكە ئوخشاش سىياسەتلەرنى يۈرگۈزدى. ئۇلار ئۇيغۇر رايونىنى خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن توشقۇزۇپ، نوپۇس تەڭپۇڭلىقىنى يەرلىك خەلقلەرگە پايدىسىز قىلىپ ئۆزگەرتتى. خىتاي تىلىنى ئىجتىمائىي ئالاقە تىلى قىلدى ئەمما، يەرلىكلەرنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا توسالغۇ بولدى. ئوچۇق – ئاشكارە خىتاي تىلى سۆزلەيدىغانلارنى خىزمەتكە ئالدىن قوبۇل قىلدى. ئۆزلىرىنىڭ سىياسەتلىرىگە كۆنگەنلەرگە قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىشنى يولغا قويدى. خىتاينىڭ بىر بالىلىق بولۇش سىياسىتى بويىچە ئىش كۆرگەن ئۇيغۇر دېھقانلارغا تۆۋەن ئۆسۈم بويىچە قەرز بېرىش دېگەندەك ئۇسۇللارنى قوللاندى.
ئاپتور ماقالىسىدە يەنە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى ھەققىدىمۇ قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ بېرىپ، ئۇنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە يېتىپ چىققاندىن كېيىن ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى لىدىرىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاپتور خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئالداپ – سالداپ باشقۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، ئەمما بۇنىڭ ئۇنداق ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى، چۈنكى تىبەتلەرنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ۋە خىتايلارغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئۆز قارشىلىقىنى ئىپادىلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.
ئۇ شۇنداقلا، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدە ئارقا – ئارقىلاپ مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر ئۈستىدە توختالغاندىن كېيىن: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ۋەقە پەيدا قىلغانلارنى تاشقى كۈچلەرنىڭ كۈشكۈرتكەنلىكىنى ۋە بۇ كۈچلەرنىڭ ئۇلارغا مالىي ياردەم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئەگەر شۇنداق بولسا بۇ شاپائەتچىلەر بەك پىخسىقمۇ قانداق؟ چۈنكى بۇ يىل 6 – ئايدا 27 كىشىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاياقلاشقان ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ھۇجۇمچىلار ئارانلا پىچاق ئىشلەتكەن ئىدى» دېگەن.
ماقالە ئاپتورى رىچارد لوۋرىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاي ئۈچۈن پەقەتلا يەر ئاستىدىكى تەبىئىي گاز ۋە نېفىتى ئۈچۈنلا مۇھىم ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ شەرق بىلەن غەرپنى باغلايدىغان كۆۋرۈك بولۇشى، خىتاينىڭ مۇھىم ئېكىسپورت – ئىمپورتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن ئۆتۈدىغانلىقى سەۋەبىدىنمۇ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى ۋە نېفىت ۋە گاز تۇرۇبىلىرىنى قاتتىق تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى بايان قىلىپ : «خىتاي گاز ۋە نېفىتكە شىنجاڭدىن ئۆتۈپ، شەرققە بارىدىغان تۇرۇبىلار ئارقىلىق ئېرىشىۋاتىدۇ. ئەگەر شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئادىل ۋە ئىنسانىي بىر چارە تېپىلمايدىكەن، ئۇ ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئاددىيغىنە پىچاقتىن دەرىجە ئاتلاپ بۇ تۇرۇبا ۋە تۆمۈر يوللارنى ۋەيران قىلالايدىغان پارتلاتقۇچلارغا ئىگە ئۇيغۇر ئىسيانچىلارنى كۆرۈشكە تەييارلىنىپ قويسا بولىدۇ. خىتاي يەرلىك مەسىلىنى پەقەت بىر مەزگىلگىچە كونترول قىلىپ تۇرالايدۇ. ئەمما ئۇ ئۇزۇنغا بارمايدۇ. چوڭ بىر كىرىزىس ئاللىقاچان ئۇپۇقتا كۆرۈنۈپ تۇرماقتا» دېگەن.
ئاپتور يۇقىرىقىدەك دىيىشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستاندىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ سوۋېت ئىتتتىپاقى يىمىرىلگەندىن بۇيان تەختتە ئولتۇرۇپ كېلىۋاتقان لېدىرلىرىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە ھەرخىل مىش – مىش گەپلەرنىڭ بارلىقى، ھەر ئىككىسى 70 تىن ئاشقان بۇ ئىككى لېدىرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئوغۇل ۋارسىى يوقلىقى، ھەر ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ كىرىمدىكى تەڭسىزلىك ۋە بېىسىمدىن رىيازەت چېكىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن ماقالىسىنى مۇنداق دەپ ئاياقلاشتۇرغان: «ئوتتۇرا ئاسىيا ھازىر ئوتتۇرا شەرقتىكىگە ئوخشاش بىر ‹باھار› ئۈچۈن پىشىپ يېتىلىپ قالدى. شۈبھىسىزكى، ئۇيغۇرلارمۇ خىتايدىن ئايرىلىپ چىقىش ئۈچۈن بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيدۇ. كىرىزىسلار ئادەتتە كۈتۈلمىگەن يەردىن، كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئەمما بۇ قېتىمقىسى قانداقتۇ ئالدىن كۆرگىلى بولىدىغانيۇ ئەمما ئالدىنى ئالغىلى بولمايدىغان شەكىلدە كەلمەكتە. ئۇ تېخى دالاي لامانىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشكەن.