«سىتار» گېزىتىدە «شەرقىي تۈركىستان ماتەمدە» نامدا بىر ماقالە
7 – ئۆكتەبىر دۈشەنبە كۈنى تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بىر بولغان «سىتار» گېزىتىدە «شەرقىي تۈركىستان ماتەمدە» نامدا بىر ماقالە ئېلان قىلىندى.
بۇ ماقالىنى يازغۇچى سېۋىل نۇرىيېۋا خانىم يازغان بولۇپ، ماقالىدا ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ 1933 – يىلى ۋە 1944 – يىلى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرغانلىقى ۋە 1949 – يىلى 10 – ئايدا خىتايلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقى توغرىسىدا توختىلىش بىلەن بىرگە، 64 – يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي بېسىمى ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقى ۋە 64 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي بېسىم ۋە تۈرلۈك مەسىلىرى توغرىسىدا كەڭ توختالغان.
ماقالىدا يەنە ئۇيغۇرلار تۈرك ۋە مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقى، بۇ زۇلۇمغا سۈكۈتتە تۇرغان ھەر قانداق كىشىنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقى، زۇلۇمنى كۆرۈپ ۋە ئاڭلاپ تۇرۇپ سۈكۈتتە تۇرۇش زۇلۇمغا ئورتاق بولغانلىق ھېسابلىنىدىغانلىقى يېزىلغان
ماقالە مۇنداق باشلانغان: ئۆكتەبىر ئېيى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن ماتەم كۈنىدۇر. 1949 – يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىش بىلەن كۇپايە قىلمىغان خىتاي ھاكىمىيىتى، مۇسۇلمان تۈركلەرنى دىنىي ئېتىقادى بويىچە ياشاشقا رۇخسەت قىلمىدى. ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش ۋە ھەجگە بېرىش يولىدا چىڭ تۇرغان ئۇيغۇرلار 64 يىلدىن بۇيان خىتاي زۇلۇمىغا ئۇچرىماقتا. 1933 – يىلى ئېلان قىلىنغان مۇستەقىللىق 1934 – يىلىغىچە داۋام قىلالىدى. تارىخ ئۇيغۇرلارغا يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بەردى ۋە 1944 – يىلى يېڭىدىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئېلان قىلىندى. 1949 – يىلىغىچە داۋام قىلغان بۇ مۇستەقىللىق يەنە ئىشغالىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى. ناھايىتى ئېچىنارلىقى شۇكى، 64 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ئىشغال ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار نالە – پەرياد قىلماقتا. شەرقىي تۈركىستان، خىتاي ئەڭ كۆپ بىئارام بولىدىغان رايون. شەرقىي تۈركىستان نامىنى تىلغا ئېلىش چەكلەنگەن بولسىمۇ، مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىر ھەقىقەت. بۇ ھەقىقەتنى خىتاي ھەرگىز يوق قىلالمايدۇ. بۇ ھەقىقەت ھەر كۈنى دېگۈدەك كۆز ئالدىمىغا ئېچىنىشلىق يېڭى مەنزىرىلەرنى كۆرسەتمەكتە.
ماقالىدا يەنە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي بېسىملار تىلغا ئېلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: شەرقىي تۈركىستاندا تۈرك تىلىدا سۆزلەيدىغان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ياشايدۇ، خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا، ئىسلام دىنىنىڭ يوليورۇقى بويىچە ياشاشنى خالىغانلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن ئېغىر بېسىم قىلماقتا. ناماز ئوقۇغان، روزا تۇتقان، ساقال قويۇشنى خالىغان، ئىسلامىي كىيىم كىيگەن ئاياللارنى تەھدىتنىڭ مەنبەسى دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ يەردىكى ئىنسانلار پەقەت دىنىي ئېتىقادى بويىچە ياشاش، مىللىي ۋە دىنىي ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنماسلىقى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشىۋاتىدۇ.
خىتاي شەرقىي تۈركىستانلىق ياشلار ئۈچۈن تەقدىم قىلغان ھايات، ئاخىرى پاجىئە بىلەن ئاخىرلىشىدىغان بىر ھاياتتۇر. ئەپسۇسلىنارلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىي قىلىش، مائارىپ ۋە بىلىم ساھەسىدە يۈكسىلىش ۋە ئۆزلىرى ئۈچۈن كەلگۈسى پىلان قۇرۇش دېگەنگە ئوخشاش ئارزۇ – ئىستەكلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىمانسىزدەك كۆرۈلۈۋاتىدۇ. كوممۇنىزم ئىدىيىسىدىكى خىتايلار، ئۇيغۇرلاردا دىنىي ئېتىقادلىق ئىنسانلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلماقتا. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك ياشاش ھاياتىنى قەستەن قىيىنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىنسانلارنى يېمەك – ئىچمەك تېپىش ئوقىتى بىلەن مەشغۇل قىلىپ باشقۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ.
خىتاي ھاكىمىيىتى 50 مىليوندىن كۆپرەك مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئىجتىمائىي، مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ بۇزۇلۇشى ئۈچۈن قاتتىق قۇل سىياسەت يۈرگۈزمەكتە. مۇستەقىللىق تەلەپلىرىدە چىڭ تۇرۇپ كەلگەن ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىقتىن ۋاز كەچمىگەنلىكى ئۈچۈن خىتاي ھاكىمىيىتى بېسىم سىياسىتىنى تېخىمۇ قاتتىقلاشتۇرۇۋاتىدۇ، بۇمۇ يەتمىگەندەك ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەت ئىشلەپ قورقۇنچلۇق قەتلىئام يۈرگۈزۈشتىن تەپ تارتمايۋاتىدۇ. ئەمما، ئۇيغۇرلار ھەر تۈرلۈك بېسىم ۋە زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، ھەق – ھوقۇقلىرىنى قۇلغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىزدىنىش ۋە نەتىجە قولغا كەلتۈرۈش يولىدا چىڭ تۇرۇپ كەلدى.
ماقالىدا يەنە رابىيە قادىر خانىم توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرگۈندىكى لېدىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ۋەزىيىتى باشقا بىر ئۆرنەك. ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان رابىيە قادىرنىڭ خەلقئارالىق جەمئىيەت ۋە كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇشى، چىقىش يولى ئىزدەش غەيرىتى ئەلۋەتتە چوڭقۇر مەناغا ئىگە. ئەمما، شەرقىي تۈركىستاندىكى سوت ئېچىلماستىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئۆلتۈرۈشلەر توختىماي داۋام قىلىۋاتىدۇ، ئەپسۇسلىنارلىقى، بىزمۇ بۇ ۋەھشىيلىككە دۇنيانىڭ سۈكۈتتە قېلىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولۇۋاتىمىز. رابىيە قادىر تۈركىيەگە كېلىشنى خالايدۇ، ئەلۋەتتە بۇ ئۇنىڭ ئەڭ تەبىئىي ھوقۇقىدۇر. ئىپادە قىلىنمىغان بولسىمۇ تۈرك ئەمەلدارلىرى رابىيە قادىرغا قىزىقىدۇ ۋە قوللايدۇ. خىتاينىڭ زۇلۇمىغا قارشى ئەڭ يۈكسەك ۋارقىرىغان دۆلەتنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇش ھەقسىزلىق بولىدۇ. تۈركىيەنىڭمۇ بەزى مەسىلىلىرى بارلىقى ۋە چۈشەنچە بەرمەسلىك كېرەك بولغان ۋەزىيىتى بارلىقىغا دىققەت قىلىپ باھا بېرىش كېرەك.
ماقالىنىڭ ئاخىرىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقلىق نىداسىنىڭ ئاڭلىتىلىشى ۋە سىياسىي كۈرەش مەيدانىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرغان ئۇيغۇرلارنڭ كۈرىشىنى قوللاش ئۈچۈن ھەر كىم سەپەرۋەرلىك قىلىشى كېرەك. خۇسۇسەن مەتبۇئاتنىڭ بۇ ھەقتىكى پوزىتسىيىسىگە ئەھمىيەت بېرىمەن. دۇنيانىڭ كېرەك بولسا مايمۇن ئوينىتىدىغانلىقى ھېچ كىمگە سىر ئەمەس. ئەممام تۈركىيە مەتبۇئاتىدا بۇ ۋەھشىيلىك كۈنتەرتىپتە تۇتۇلۇشى ۋە خىتاينىڭ زۇلۇمىغا سۈكۈتتە تۇرماسلىق توغرىسىدا تەشۋىق قىلىنىشىنى مۇھىم ۋەزىپە دەپ قاراش كېرەك.
شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانلار تۈرك ۋە مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن زۇلۇمغا دۇچ كەلمەكتە. بۇ زۇلۇمغا سۈكۈتتە تۇرغان ھەر كىم جاۋابكاردۇر. كۆرۈپ ۋە ئاڭلاپ تۇرۇپ سۈكۈتتە تۇرۇش ئارقىلىق ئۇنتۇلۇشىغا سەۋەبچى بولغانلىقى ئۈچۈن جاۋابكاردۇر. بۇنىڭ ۋابالىنى ھېچ كىم بىرگە تارتىشنى خالىمايدۇ، دەپ ئويلايمەن.