
رابىيە قادىر خانىم قۇربان ھېيت ھارپىسىدا ئۇيغۇرلارنى ئىتتىپاقلىققا چاقىردى
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم قۇربان ھېيت ھارپىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئايەملىك سالام يوللىدى ۋە ئۇلارنى مىللىي بۇرچىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: گەرچە بىز ئازاب ۋە زۇلمەت چېكىۋاتقان بولساقمۇ، بۇ ھېيتنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر بىرىنى كەچۈرىدىغان، بىر بىرىگە قۇت-بەخت تىلەيدىغان ھېيت بولۇشىنى تىلەيمەن.
ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي قۇتۇلۇش ھەرىكىتى ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
رابىيە خانىم مۇنداق دېدى: بۇ ھېيت خاسىيىتى بىلەن مەن ئۇيغۇرلارنى مىللىي كىملىكى، دىنىي ئېتىقادى، ۋەتىنىنىڭ ئازادلىقى ۋە كەلگۈسىدىكى خۇشاللىقى ئۈچۈن بىرلىك-ئىتتىپاقلىققا چاقىرىمەن.
ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىنىڭ پەخرىي رەئىسلىكىگە سايلاندى
تۈركىيەدە ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 5-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ ئاكادېمىيىنىڭ پەخرىي رەئىسلىكىگە سايلاندى. شۆھرەت مۇتەللىپ، كلون ساھەسىدە دۇنيادا كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىملارنىڭ بىرى ئىدى.
يىغىن 5-،6-ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىننى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئورۇنلاشتۇردى.
يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار قاتنىشىپ، ئۆز ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك ماقاللارنى ئوقۇدى. ماقالىلەر پۈتۈنلەي ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇلۇپ، يىغىن ئەھلىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.
شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ مەزكۇر ئاكادېمىيىگە پەخرىي رەئىس بولغانلىقى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ نوپۇزىغا تېخىمۇ ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارالماقتا.
يەكەندە يۈز بەرگەن 26-سېنتەبىر ئودانلىق ۋەقەسىنىڭ بىر قىسىم تەپسىلاتى ئاشكارىلاندى
ئاشكارىلىنىشىچە، 9-ئايدا يەكەن ناھىيىسى ئودانلىق يېزىسىنىڭ خانكۆۋرۈك ۋە راۋاتئۆستەڭ كەنتلىرىدە ۋەقە يۈز بەرگەن.
ئودانلىقتىكى ۋەقە 26-سېنتەبىر يۈز بەرگەن. ۋەقەدە ساقچىلار بومبا ياساش گۇمانى بىلەن بىر تۈركۈم ئۇيغۇرنى تۇرۇۋاتقان ئۆيىدە قورشاۋغا ئالغان.
ئودانلىق يېزىسىدىكى ساقچى ۋە كەنت مەسئۇللىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ساقچىلار قورشاۋ داۋامىدا گۇماندارلارغا قارىتىپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۆلتۈرگەن ۋە بىر قىسمىنى يارىلاندۇرغان.
خانكۆۋرۈكتە ۋەقە يۈز بېرىپ 4 كۈندىن كېيىن، راۋاتئۆستەڭدە ۋەقە يۈز بەرگەن. كەنت مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خانكۆۋرۈكتىكى ۋەقەدە 3 كىشى ئۆلگەن.
خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۆلۈم جازالىرىنى ئەيىبلىدى
«دۇنيا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆلۈم جازاسىنى كۆپلەپ ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
ئۇنىڭدىن باشقا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق تەشكىلات ۋە ئورگانلار بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي قاتارلىق ئەللەرنى ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشقا چاقىردى.
گېرمانىيەنى مەركەز قىلغان خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ئۇلرىخ دېلىئۇس مۇنداق دېدى: مەن شۇنداق قارايمەنكى، ئۇيغۇر ياكى تىبەتلەرنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلماي تۇرۇپ، ئۆلۈم جازاسى ئارقىلىق ئۇلارنى توختاتقىلى بولمايدۇ. ئۆلۈم جازاسى پەقەت ئۈنۈملۈك قورال ئەمەس.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ پەرىزىچە، خىتاي ھەر يىلى 2، 3 مىڭ ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىدىكەن.
دائىرىلەر خوتەن لايقا باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ زەھەرلىنىش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبىنى يوشۇرماقتا
9-ئاينىڭ 26-كۈنى خوتەن لايقا باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماقتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. دائىرىلەر مەزكۇر ۋەقەنى ئاخباراتتىن يوشۇرغان.
خوتەن ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى باشلىقى ۋەقەدە جەمئىي 160 بالىنىڭ دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما ئۇ، بالىلارنىڭ تاماقتىن زەھەرلەنمىگەنلىكىنى، بۇنىڭ پەقەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدىنى بېرىلگەن تاماققا ماسلىشالمىغانلىقتىن كېلىپ چىققان ھادىسە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەھۋال ئىنكاس قىلغۇچىلار، دائىرىلەرنىڭ تاماق تەمىنلىگۈچى شىركەتنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
بىر قىسىم خەۋەرلەردە، ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى بەزى مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچى تاماقلىرىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە ھۆددىگە بېرىۋېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
تىلشۇناس قۇددۇس ھاپىز: خىتاينىڭ ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى ئارقىغا چېكىندى
تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تىلشۇناس قۇددۇس ھاپىز ئەپەندى خىتاينىڭ ئاتالمىش قوش تىل مائارىپى سىياسىتى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى ئارقىغا چېكىنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويدى.
قۇددۇس ھاپىز ئەپەندى سۆزىدە ئۇيغۇر تىل يېزىقىنىڭ دۇنيادىكى ئىنگلىز، ئەرەب، خىتاي ۋە رۇس تىللىرىدىن قېلىشمايدىغان مۇكەممەل تىل ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويدى.
قۇددۇس ھاپىز ئەپەندى 90 يىللارنىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر تىلىنىڭ مۇھىملىقى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى سەۋەبلىك ئۇيغۇر ئېلىدە نامى چىققان زات ئىدى. كېيىن ئۇ تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن.