تۈركىيەنىڭ ئىسپارتا ۋىلايىتىدىكى سۇلايمان دەمىرەل ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكلات بەرگەن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈركلەرنىڭ ئاتا ۋەتىنى ئىكەنلىكىنى، ئەمما 21-ئەسىرگە كىرگەن بۈگۈنكى كۈندە بۇ زېمىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارىتا قىرغىنچىلىق ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى دېدى.
8-ئۆكتەبىر كۈنى د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك بىلەن كۆك بايراق ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى تۇرسۇن سۇيدۇنلۇ ئەپەندىلەر ئالدى بىلەن ئافيون ۋالىسى ۋاھدەتتىن ئۆزقان، ئارقىدىن ئىسپارتا شەھەر باشلىقى يۈسۈف زىيا گۈنايدىن ئەپەندىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇلارغا د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ سالىمىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. چۈشتىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرغان سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، 8-ئۆكتەبىر كۈنى ئاخشام ئىسپارتا سۇلايمان دەمىرەل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىدا «تۈركلەرنىڭ ئاتا ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستان قان يېشى تۆكمەكتە» ماۋزۇلۇق دوكلات بەرگەن. بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىغا ئىسپارتا سۇلايمان دەمىرەل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ 400 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.
بۇ خىل پائالىيەت ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تۈركىيەدە داۋام قىلىپ كەلمەكتە.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.