10-ئاينىڭ 1-كۈنى توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ پىلانلىشى بىلەن ياپونىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتاي ئەلچىخانىسىدىكى مۇھاجىرلار خىزمىتىگە مەسئۇل، ياپونىيەدە تۇغۇلغان 3-ئەۋلاد لې فامىلىلىك خىتاينىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دۆلەت بايرىمىنىڭ 64 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش زىياپىتى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىلىرىنىڭ بىۋاسىتە يېتەكچىلىكىدە 9-ئاينىڭ 26-كۈنى ياپونىيەدىكى داڭلىق مېھمانخانىلاردا ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ قېتىمقى توكيو ئەلچىخانىسىنىڭ زىياپىتىگە بىر مىڭ تۆت يۈز نەپەر مېھمان چاقىرىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى يۈزدىن ئاشىدىكەن.

خىتاي ئەلچىخانىسىدىكى بۈگۈنكى مۇھاجىرلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن زىياپەتكە بىۋاسىتە رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان لې فامىلىلىك خىتاينىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، ياپونىيەدە پۇقرالىقىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ئەلچىخانىسىدىن ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەردىكى سۈرەتلىرىنى، نام شەرىپىنى تور بەتلىرىدە ۋە مەتبۇئاتلاردا ئاشكارىلىماسلىقىنى تەلەپ قىلغان.

بىز لې فامىلىلىك خىتايدىن نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار بۇنداق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ، «ياپونىيەدىكى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى بىزنىڭ سۈرەتلىرىمىز نى ۋە نام شەرىپىمىزنى رادىئودا ئاشكارىلاپ قويىدۇ دەپ ئەنسىرەيدىكەن. مەنمۇ تەپسىلىي بىلمەيمەن» دېدى.

بىز خىتاي ئەلچىخانىسىدىكى لې فامىلىلىك خىتايدىن ئىچكىرىلەپ «بۇ ھەقتە خىتاي ئەلچىخانىسى نېمە دەپ قارار چىقاردى» دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ بىزگە «خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭدىن كېيىنكى خىتاي ئەلچىخانىسى بىۋاسىتە رىياسەتچىلىك قىلغان ئۇيغۇرلار قاتناشقان پائالىيەتلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى ۋە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلماسلىق توغرىسىدا بۇرۇق چۈشۈردى» دېدى.

توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ ساھىپخانلىقىدىكى زىياپەت توكيودىكى قەدىمكى خىتاي رېستورانىدا ئېلىپ بېرىلدى.

زىياپەت ئۈستىلىگە خىتاي دۆلەت ناخشىسىنىڭ تېكىستى ۋە نوتىسى ئادەم بېشىگە بىرىدىن ئالدىن تەيارلاپ قويۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي دۆلەت بايرىمىنىڭ 64 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا ئالاھىدە تەييارلانغان خىتايچە يېمەكلىكلەرنىڭ تىزىملىكى قويۇلغان بولۇپ، تىزىملىكتە بىرمۇ مۇسۇلمانچە تائام يوق ئىدى.

زىياپەتتە ئالدى بىلەن خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سۆز قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ مەسئۇلى سۆز قىلدى.

زىياپەتكە ئۇيغۇرلاردىن ئون نەچچە كىشى قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغان بىر خانىم سۆزىدە، ئۆزىنىڭ ياپونىيەگە كەلگەنلىكىگە 23 يىل بولغانلىقىنى، ھەر قېتىم دۆلەت بايرىمىدىكى زىياپەتتە خىتاينىڭ دۆلەت ناخشىسىنى ئاڭلىغاندا، خىتاي ئەزىمەتلىرىنىڭ ئولىمپىكتا ئالتۇن مېدال ئالغانلىقىدىن ئىبارەت جەسۇرانە ئوبرازىنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز زىياپەت ئارىلىقىدا سورۇندىن سىرتقا چىققان بىر قانچە ياپونىيە پۇقرالىقىدىكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۈگۈن بۇ زىياپەتكە قاتناشقانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇلار زىيارىتىمىزنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلىپ، بىزنىڭ بۇ يەردىن دەرھال كېتىشىمىزنى، بولمىسا ساقچى چاقىرىپ شىكايەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بىر قانچە خانىم خىتاي تىلىدا يۇقىرى ئاۋازدا «ۋوي، بۆلگۈنچىلەر! ۋوي، شەرقىي تۈركىستان ئۇنسۇرلىرى! رابىيە قادىرنىڭ كۈچۈكلىرى! سەنلەر نېمە قىلالايتتىڭ!» دەپ توۋلاپ زالنى بېشىغا كىيدى. بىز مۇھاپىزەتچى خادىملارنىڭ تەكلىپى بويىچە بۇ يەردىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇق.

زىياپەتكە جەمئىي 250 كىشى قاتناشتى. زىياپەت كەچ سائەت 6:30 يېرىمدىن 9:00 گە قەدەر داۋاملاشتى.

زىياپەت ئاخىرلاشقاندا بىز مۇناسىۋەتلىك كىشىلەردىن خىتاي ئەلچىخانىسى سائەت 10:00 دىن باشلاپ باشقا بىر مېھمانخانىدا ئىلغار مۇھاجىرلار، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىغانلىقىدىن خەۋەردار بولدۇق.

بۇ قېتىمقى زىياپەتكە قاتناشقان خىتاي-ياپون مەدەنىيەت تەتقىقاتچى يۈكى خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:
-بۈگۈنكى زىياپەتكە كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قاتناشقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران بولدۇم. ئۇيغۇرلار دائىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىگە زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا شىكايەت قىلىدۇ. ئەمما خىتاي دۆلىتىنىڭ بايرىمىغا قاتنىشىدۇ. نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىدىم. ياپونلار بولسا، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سېنكاكۇ ئارال مەسىلىسىنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىش ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنى يېقىنلاشتۇرۇش مەقسىتىدە قاتنىشىدۇ دەپ ئويلايمەن.

بىز بۇ قېتىمقى خىتاي دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە بەزى بىر قاراشلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.