
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 1-ئۆكتەبىرنى ئۇيغۇرلارنىڭ ماتەم كۈنى دەپ رەسمىي ئېلان قىلغاندىن بۇيان، باشقا مەملىكەتلەر قاتارىدا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ كۈنى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئەركىنلىك، ئىنسانىي ھوقۇقلىرى ئۈچۈن قۇربان بولغانلارنى خاتىرىلەشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇردى.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 30-سېنتەبىردە ئالماتا شەھىرىنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسى كافىخانىلىرىنىڭ بىرىدە خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتتى. ئۇنىڭدا قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇلغاندىن كېيىن، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئالدى بىلەن قازاقىستاندا كېيىنكى ۋاقىتلاردا يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەر ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ، ئاندىن 1949-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي كوممۇنىستىك تۈزۈمى مەجبۇرىي ئورنىتىلغاندىن بۇيان ئۇ يەردە يۈز بەرگەن ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق ۋە تەپسىلىي توختالدى. ئۇ خىتاي سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقا مىللەتلەرگە ئېلىپ كەلگەن ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقاچان ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى پائالىيەتلىرى توغرىسىدا توختالدى.
مۇراسىمدا سۆزگە چىققان مەشھۇر قازاق زىيالىيسى، ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى، پروفېسسور ئەبېن نۇرمانوف، شائىرلاردىن ساۋۇت ئىسكەندەروف ۋە ئەكرەم سادىروف، دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكى ۋەكىللىرى نۇربانۇم مەشرەپوۋا، ئاسىيەم تۇردىيېۋا ۋە باشقىلار ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ لىدېرى رابىيە قادىرنىڭ پائالىيەتلىرى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت ھەم مىللىي مەدەنىيەتنى، مائارىپنى، سەنئەتنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەھەممەت ھاجىم مەزكۇر مۇراسىمدىن ئالغان تەسىراتىنى بايان قىلدى.