bdt-xitaydin-sual-sorash-yighinida-305.pngد ئۇ ق ۋەكىللىرى ب د ت دا خىتاي ھۈكۈمىتىدىن بالىلار ھەقلىرى توغرىسىدا سۇئال سوراش يىغىنىدا

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 24 – نۆۋەتلىك ئىنسان ھەقلىرى ئومۇمىيىغىنىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنلىرى يەنى 26 – ، 27 – سىنتەبىر كۈنلىرى مەخسۇس يىغىن چاقىرىلىپ خىتاي ھۈكۈمىتىگە ۋاكالىتەن بېيجىڭدىن كەلگەن 42 ۋەكىلدىن بالىلار ھەق – ھوقۇقلىرى توغرىسىدا سوئال سورالغان.

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ۋەكىللەردىن ئۇيغۇر بالىلىرى توغرىسىدا 11 سوئال سورالغان بولۇپ، خىتاي ۋەكىللەر تۈزۈك جاۋاب بېرەلمىگەن.

يىغىنغا 24 – نۆۋەتلىك ئىنسان ھەقلىرى ئومۇمىيىغىنىغا ب د ت بالىلار ھەق – ھوقۇقلىرى كومىتېتى مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرى، ھەر قايسى دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى، خەلقئارا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە خىتاي ۋەكىللەردىن بولۇپ 200 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا خىتايدىكى بالىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا خىتاي ۋەكىللەردىن سوئال سورالدى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، مۇئاۋىن رەئىس سېيىت تۈمتۈرك، ئۆمەر قانات، مايىك ۋە دولقۇن ئەيسا قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان ھەيئەتنىڭ 14 – سىنتەبىر كۈنىدىن 27 – سىنتەبىر كۈنىگىچە ئېلىپ بارغان پائالىيىتى غەلىبىلىك ئاخىرلاشقان بولۇپ، ئۇلار ب د ت دىكى پۈتۈن كومىتېتلارغا پاكىتلىق دوكلاتلارنى سۇنغان. بۇ پاكىتلارنىڭ كۆپى ئەركىن ئاسيا رادىئوسىدىن ئېلىنغان پاكىتلار بولۇپ، كىشىلەرنى ئىشەندۈرۈش كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەن. رابىيە قادىر خانىم بەرگەن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى د ئۇ ق ھەيئىتىنى ب د ت دىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشقان بولسىمۇ، د ئۇ ق ھەيئىتى پۈتۈن پائالىيەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بارغان.

د ئۇ ق ۋەكىللىرىنىڭ جەنۋەدىكى ئىككى ھەپتىلىك پائالىيىتى كېلەر ئاي ب د ت دە ئۆتكۈزىلىدىغان خىتاينى ئىنسان ھەقلىرى جەھەتتىن ئۇمۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈش پائالىيىتىگە تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ پائالىيەت جەريانىدا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىگە ئېرىشكەن.