erkin-asiya-radiosi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ب د ت دە نۇتۇق سۆزلىدى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رابىيە قادىر خانىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 24-نۆۋەتلىك ئىنسانىي ھوقۇق ئومۇمىي يىغىنى داۋامىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئىنسانىي ھوقۇقنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش» ماۋزۇلۇق يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

رابىيە قادىر خانىمغا 20 مىنۇت سۆزلەش ھەققى بېرىلدى. خىتاي دىپلوماتلار «شەرقىي تۈركىستان دەيدىغان يەر يوق، شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ زېمىنى» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن رابىيە قادىر خانىمغا قارشىلىق كۆرسەتتى. بۇ سوئاللارغا رابىيە قادىر خانىم جاۋاب بەرگۈچە، بەزى ياۋروپا ئەللىرى ۋەكىللىرى خىتايغا رەددىيە بەردى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى د ئۇ ق ھەيئىتىنى ب د ت دىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشقان بولسىمۇ، نەتىجە قازىنالمىغان. ئەكسىچە، ئۇيغۇر ۋەكىللەر پۈتۈن پائالىيەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋام قىلدى.

ساقچىلارنىڭ سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشمىغاچقا پاتىگۈل غۇلام سۈكۈتنى بۇزدى

ساقچىلار ۋەدىسىدە تۇرمىغاچقا، 5-ئىيۇل غايىبلىرىدىن ئىماممەمەت ئېلىنىڭ ئانىسى پاتىگۈل غۇلام سۈكۈتنى بۇزۇپ، رادىئومىزغا نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.

ئۈرۈمچىدىكى دۆلەت ئامانلىق ساقچى ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پاتىگۈل غۇلامغا ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلەپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىڭ ئوغلى ھەققىدە پات يېقىندا چوقۇم ئۇچۇر بېرىدىغانلىقى، ئۆز ئەھۋالىنى ئاخباراتقا مەلۇم قىلماي تۇرۇشىنى تاپىلىغان.

پاتىگۈل غۇلام مانا بۇ سۆزلەرگە ئىشىنىپ، 6 ئايغا يېقىن جىم تۇرۇپ باققان بولسىمۇ، يەنىلا ھېچقانداق بىر جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن. نەتىجىدە ئۇ، بۇ سۈكۈتىنى بۇزۇپ، رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۆزىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مەخپىي ساقچىلار ئۇ نەگە بارسا كەينىگە چۈشىۋالغان. ھەتتا قەشقەرگە تويغا بارسىمۇ ئۇنى ئۆز يۇرتى قەشقەردىمۇ ئارامىدا قويمىغان.

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى: خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا ئوخشاش خاتالىقلارنى سادىر قىلىۋاتىدۇ

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئاتالمىش «4-نۆۋەتلىك شىنجاڭ يىغىنى» ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا ئوخشاش خاتالىق سادىر قىلىۋاتقانلىقى، مەزكۇر يىغىندىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان ھەقىقىي چارىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلمىغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

باياناتتا كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان خىزمەت ۋە مائارىپ سىياسەتلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئاسسىمىلياتسىيە تاكتىكىسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بۇ قېتىمقى يىغىندىمۇ، رايون بىخەتەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ۋەھشىيلىكلەر تىلغا ئېلىنمىدى.

خىتاينىڭ ئاتالمىش «4-نۆۋەتلىك شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» 25-سېنتەبىرگىچە بېيجىڭدا ئېچىلغان.

يىغىندا يەنە، رايون مۇقىملىقىنى مەجبۇرىي ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىدېئولوگىيە تەربىيىسىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلدىكى «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن جىددىي يىغىن چاقىرىپ، ئۇيغۇر ئېلى سىياسىتىگە قاراپ چىققان.

ئەمما، 2010-يىلى ئاچقان شىنجاڭ خىزمەت يىغىندا ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچمەن كۆچۈرۈش ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەر ئاستى بايلىقىنى جىددىي رەۋىشتە ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ئىجرا قىلىش قارارىنى ئالغان ئىدى.

ئىلھام توختىغا قارىتىلغان نازارەت يەنە كۈچەيتىلگەن

بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىغا قارىتىلغان نازارەتنى يەنە كۈچەيتكەن.

«ئۇيغۇربىز» تورىدا كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە دائىرىلەر ئىلھام توختىنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىنى 24 سائەت نازارەت قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ كوچىغا چىقسىمۇ بىخەتەرلىك خادىملىرى ئارقىسىغا چۈشىدىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، ئىلھام توختى ئولتۇرىدىغان قورۇ دەرۋازىسى ئالدىغا خىتاي دۆلەت ئامانلىق ئەترىتىگە تەۋە ئاپتوموبىللار داۋاملىق توختىتىغلىق ئىكەن.

ئىلھام توختى بۇ يىل 5-ئىيۇل خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا مەكتۇپ يوللاپ، ئۇلارنى «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن غايىب بولغان ئۇيغۇرلار مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.

شۇندىن كېيىن، ئىلھام توختىغا قارىتىلغان نازارەت يەنە بىر قېتىم كۈچەيتىلگەن ئىدى.

ئاتا مىراس ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى يوقىلىش كرىزىسىغا دۇچ كەلمەكتە

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتا مىراس ئۇيغۇر تېۋىپلارنى لاياقەت گۇۋاھنامىسى ئىمتىھانىنى خىتايچە بېرىشكە زورلىشى بىلەن ئۇيغۇر تىلى ئارقىلىق ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋام قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر مىللىي تېبابەتچىلىكى يوقىلىش كرىزىسىغا دۇچ كەلدى.

ئىمتىھان مۇشۇ ئاينىڭ 14-، 15-كۈنلىرى، خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىدا بىر تۇتاش ئېلىنغان. ئىمتىھانغا خوتەندىكى ئاتا مىراس تېۋىپلاردىن ئابدۇمىجىت ئابلىز، ئوبۇل ھەسەن داموللا قاتارلىق 8 تېۋىپ قاتناشقان. ئىمتىھان سوئالى جەمئىي 600 نومۇرلۇق بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 120 نومۇرلۇق سوئال خىتايچە چىقىرىلغان.

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنى ئەجدادلىرىدىن ئۇيغۇر تىلىدا ئۆگەنگەن ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان بۇ سەككىز تېۋىپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى بىلەن ئالاقىسى بولمىغان خىتايچە ئىمتىھان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشكە ئامالسىز قالغان ۋە 120 نومۇرلۇق سوئالنى ئاق قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.

غايىب ئالىم ھېلاجىنىڭ دادىسى: «بىز شىنجاڭغا پاتمىدۇق، 6 جان تالادا قالدۇق»

ئۈرۈمچى دائىرىلىرى 5-ئىيۇلدىن كېيىن غايىب بولغانلاردىن 17 ياشلىق ئالىم ھېلاجىنىڭ ئائىلىسىگە ئىجارىگە ئۆي بەرمەسلىك ھەققىدە مەخپىي ئۇقتۇرۇش تارقاتقان. بۇ ئۇقتۇرۇشقا خىلاپ ھالدا مەزكۇر ئائىلىگە ئۆي ئىجارە بەرگەن سېلىم ھاجى دېگەن كىشى ئايال، بالىلىرى بىلەن قېتىپ 24 سائەت قاماپ قويۇلغان.

مەزكۇر مەخپىي ئۇقتۇرۇشتىن بىر نۇسخا قولغا چۈشۈرگەن ھېلاجى ئائىلىسى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۆز زېمىنىغا-ئانا ۋەتىنىگە سىغمىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى: بالا ئىزدىگەنلىكىمىز ئۈچۈن، ئۆز زېمىنىمىزغا پاتمىدۇق، 6 جان تالادا قالدۇق.

17 ياشلىق ئالىم ھېلاجى 2009-يىلى «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن تۇتۇپ كېتىلگەندىن بېرى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئىدى.