
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 24-نۆۋەتلىك ئىنسان ھەقلىرى ئومۇمىي يىغىنى داۋام قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم جەنۋەدە چاقىرىلغان «كىشىلىك ھوقۇقنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش» ماۋزۇلۇق يىغىندا سۆز قىلدى.
يىغىندا بىرىنچى بولۇپ رابىيە قادىر خانىمغا سۆز بېرىلگەن بولۇپ، يىغىنغا 24-نۆۋەتلىك ئىنسان ھەقلىرى ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىشقا كەلگەن ھەر قايسى دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى، خەلقئارا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە خىتاي دىپلوماتلىرىدىن بولۇپ 100 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. يىغىندا 6 دۆلەتنىڭ ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى سۆز قىلدى. د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمغا 20 مىنۇت سۆزلەش ھەققى بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. خىتاي دىپلوماتلار ھەر ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش قوپاللىق بىلەن رابىيە قادىر خانىمغا، «شەرقىي تۈركىستان دەيدىغان بىر زېمىن يوق، شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ زېمىنى» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ ئىنكاس قايتۇردى. بۇ سوئاللارغا رابىيە قادىر خانىم جاۋاب بەرگىچە بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى خىتايغا رەددىيە بەردى. رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە خىتاي ھۆكۈمىتى د ئۇ ق ھەيئىتىنى ب د ت دىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشقان بولسىمۇ، قوغلاپ چىقىرىش بىر تەرەپتە تۇرسۇن د ئۇ ق ھەيئىتى پۈتۈن پائالىيەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ باردى.
د ئۇ ق ۋەكىللىرىنىڭ جەنۋەدىكى ئىككى ھەپتىلىك پائالىيىتى جەرياندا كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشۈش نۆۋەتتىكى خىزمەت كۈن تەرتىپلىرى ئىچىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇننى تۇتقان. ئۇلار خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى يىغىنلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.
ب د ت نىڭ 24-نۆۋەتلىك ئىنسان ھەقلىرى ئومۇمىي يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.