duq-rehberliri-afriqa-doletliri-wekilliri-jenwe.jpgرابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق رەھبەرلىرى ئافرىقا دۆلەتلىرى ۋەكىللىرى بىلەن. 2013-يىلى 23-سېنتەبىر، جەنۋە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ھەيئەت 24-سېنتەبىر كۈنى شىمالىي ئامېرىكا دۆلەتلىرى ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى ئاڭلاتتى.

بۇلاردىن باشقا يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار ھوقۇقى كومىتېتى ۋە خانىم قىزلار ھوقۇقى كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەنمۇ ئايرىم- ئايرىم ئۇچرىشىپ ئۇيغۇر بالىلار ۋە ئۇيغۇر خانىم قىزلىرى دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن. بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىدىن تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلىدۇق.

ئۇ، بۇندىن بۇرۇن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھالدا دېموكراتىيىلىك تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەتلەرگە ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىم ب د ت دىكى پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرىگە ئاڭلىتىلغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.