
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 24-نۆۋەتلىك يىغىنى ئىككىنچى ھەپتىسىگە قەدەم قويغان بۈگۈنكى كۈندە، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچراشتى.
ئۇلار 23-سېنتەبىر كۈنى ئىراق، كۇۋەيت، رۇسىيە قاتارلىق 9 دۆلەتنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇلارغا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئاڭلاتتى. د ئۇ ق ۋەكىللىرى رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ب د ت دە تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرىنىڭ شۇنداقلا ئىسلام دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋەكىللىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق ھەيئىتىنىڭ بۈگۈنكى پائالىيىتىمۇ ناھايىتى غەلىبىلىك ئۆتكەن بولۇپ، بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.