
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 24 – نۆۋەتلىك يىغىنى جەنۋەدە داۋام قىلماقتا. د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ب د ت دىكى پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئۇلار 20 – سېنتەبىر يەنە بىر قانچە دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەشنى تەلەپ قىلغان.
50 دۆلەت ۋەكىللىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئىككىگە ئايرىلغان بولۇپ، خىتاي ئۇيغۇر ۋەكىللەرنى ب د ت بىناسىدىن قوغلاپ چىقىرىشقا ئورۇۋاتقان ئىكەن.
د ئۇ ق ۋەكىللىرى رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىتاي بىلەن ئېلىشىدىغان جەڭ مەيدانى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەرنىڭ بۈگۈنكى پائالىيىتىمۇ ناھايىتى غەلىبىلىك ئۆتكەن بولۇپ، بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدۇق.
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنى دۇنيا دۆلەتلىرىگە ئاڭلىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.