
رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 24-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ ئىسپاتلىق ماتېرىياللىرى خىتاي تەرەپ ۋەكىللىرىنى ئىنتايىن بىئارام قىلغان.
16-سېنتەبىر خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت ئېچىلغان بىر تارماق يىغىندا ئۇيغۇر ۋەكىللەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، خىتاي تەرەپ ئولتۇرالماي قالغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ سۆزىنى بىر نەچچە قېتىم كېسىشكە ئۇرۇنغان.
19-سېنتەبىر خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى ئۇيغۇرلارنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بىناسىدىن قوغلاپ چىقىرىشقا كۆپ تىرىشقان بولسىمۇ، نەتىجە قازىنالمىغان.
ئەكسىچە، ئۇيغۇر ۋەكىللەر شۇ كۈنى ئامېرىكىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشكەن ۋە فالۇنگوڭچىلارنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا قاتناشقان.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ۋەكىللەرنىڭ جەنۋەدىكى پائالىيەتلىرى يەنە بىر نەچچە كۈن داۋاملىشىدۇ.
پوسكامدا خىتاي ساقچىلىرى 12 ئۇيغۇرنى ئېتىپ تاشلىغان
23-ئاۋغۇست پوسكامنىڭ كۈيباغ يېزىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەدە خىتاي ساقچىلىرى 12 ئۇيغۇرنى ئېتىپ تاشلىغان، 20 نەچچە ئۇيغۇرنى يارىلاندۇرغان.
يەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە دىنىي زاتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا نەق مەيداندا 30 ئەتراپىدا ئۇيغۇر بار ئىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش «تېررورچىلار» ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ بومبا ياساش قاتارلىق ھەر خىل مەشغۇلاتلار بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر ۋەقە يۈز بېرىشتىن 3 كۈن ئىلگىرى قاغىلىقنىڭ يىلقىچى يېزىسىدا 20 نەچچە ئۇيغۇر ئوخشاش گۇمان بىلەن ئېتىپ تاشلانغان ئىدى.
كېرەمباغ دوختۇرخانا مەسئۇلى: ۋەقەدە ئادەم ئۆلمىدى دېيەلمەيمەن
قەشقەر كېرەمباغ دوختۇرخانىسىدا يۈز بەرگەن بىنا ۋەقەسىدە نەچچە ئون كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا قەشقەردىكى يەرلىك ساقچى ئورگانلىرى ۋەقەدە ئادەم ئۆلمىگەنلىكىنى، پەقەت 10 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
پەيشەنبە كۈنى بىزگە كەلگەن بۇ ھەقتىكى يېڭى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بىنانىڭ ئەتراپىغا باغلانغان تاختىپەر 9-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، 70 كە يېقىن ئادەم تاش-كېسەك ۋە بامبۇك بادرىلارنىڭ ئاستىدا قالغان. ۋەقەدىن كېيىن پەقەت 25 ئادەم قۇتۇلدۇرۇلغان.
ئىلگىرى بىر رادىئو ئاڭلىغۇچىمىز ۋەقەدە 40 ئادەم ئۆلگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.
گەرچە، بىز بۇ ساننى ئۆز ئالدىمىزغا دەلىللىيەلمىگەنلىكىنى بولساقمۇ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر ۋەقەدە ئاز دېگەندە 8 ئادەم ئۆلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
كېرەمباغ دوختۇرخانىسىنىڭ كەسپىي ئىشلار مۇدىرى قاسىمجان تۇرسۇن « ۋەقەدە ئادەم ئۆلمىدى دېيەلمەيمەن» دېيىش ئارقىلىق ۋەقەدە ئادەم ئۆلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن شەپە بەردى.
داڭلىق چاقچاقچى ھىسام قۇربان ۋاپات بولدى
ئۇيغۇر قىزىقچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ تىپىك ۋەكىللىرىدىن بىرى ھىسام قۇربان ئاكا 2013-يىلى 15-سېنتەبىر ئالەمدىن ئۆتتى.
مەرھۇمنىڭ نامىزى 16-سېنتەبىر يۇرتى غۇلجادىكى بەيتۇللا مەسچىتىدە چۈشۈرۈلدى. ئۇنىڭ مېيىتىنى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئامما ئېھتىرام بىلەن ئۇزىتىپ، قارادۆڭ زاراتگاھلىقىغا دەپنە قىلدى.
ھىسام ئاكىنىڭ ۋاپاتى ئىلى دەريا ۋادىسى، پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارى، جۈملىدىن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ چوڭقۇر مۇسىبەتكە چۆمدۈردى.
ھىسام قۇربان 1930-يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ ئوردا مەھەللىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇيغۇر خەلقى ئۆزى سۆيگەن بۇ خەلق سەنئەتكارىغا «زامانىمىزدىكى ھايات نەسىردىن ئەپەندى»، «ئىلى چاقچاقلىرىنىڭ پېشۋاسى» دېگەندەك پەخىرلىك ناملارنى ئاتا قىلغان ئىدى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى: خىتاي ھۆكۈمىتى «5-ئىيۇل» كېيىن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنى تەكشۈرمىگەن
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان يېڭى دوكلاتىدا 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن خىتاي پۇقرالىرى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھۇجۇملار ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك ۋەقەلىرىنىڭ كۆپەيگەنلىكى، بۇ خىل ھۇجۇملارنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئەتراپلىق تەكشۈرمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دوكلاتقا «ئىغۋا، گۇمان ۋە ۋەھىمە: ئۈرۈمچىدىكى خىتاي ئاھالىلەر 2009-يىلى سېنتەبىردىكى يىڭنە ھۇجۇمى ئەندىشىسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا قىلغان ھۇجۇم» دەپ نام بېرىلگەن.
دوكلاتتا ئاساسلىقى، ئۈرۈمچىدە 2009-يىلى كۈزدە ئوتتۇرىغا چىققان يىڭنە ھۇجۇمى ۋەھىمىسى، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ 3-سېنتەبىر خەلق مەيدانىغا چىقىپ، يەرلىك خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى ۋە شۇندىن كېيىن يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەر تەپسىلىي مىساللار بىلەن كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە يەنە، ئاتالمىش «يىڭنە ھۇجۇمى» قوزغىغان ئۇيغۇر گۇماندارلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇقلىرى ھېچقانداق كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىغان بولۇپ، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كەلگەندە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختىدە ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسىدا ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ يېقىنى زامان سەئۇدى ئەرەبىستان تارىخىدىكى تۇنجى ئىش ھېسابلىشىدىكەن.
ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش پروگراممىسى 10-سېنتەبىر ئەتىگەندە، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى «قۇرئان كەرىم مەخسۇس رادىئوسى» دا ئاڭلىتىلغان.
ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق ۋەتەنپەرۋەر زىيالىي سىراجىدىن ئەزىزى بۇ پروگراممىغا تەكلىپ قىلىنىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.
سىراجىدىن ئەزىزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى-شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، جۇغراپىيەسى، ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە ناھايىتى تەپسىلىي توختالغان.
سىراجىدىن ئەزىزى زىيارىتىمنى قوبۇل قىلىپ: ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئەرەب ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىدە تونۇشتۇرۇش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز. بۇندىن كېيىنمۇ بۇنداق پۇرسەتلەرنى قولدىن بەرمەيمىز، دېدى.