Duq-heyiti-jenwe.JPGد ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ب د ت دا پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتتى. ئوڭدىن سولغا: سېيىت تۈمتۈرك، رابىيە قادىر خانىم، ئۆمەر قانات، دولقۇن ئەيسا ۋە مايىك ئەپەندىلەر. 2013-يىلى سېنتەبىر، جەنۋە.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 24-نۆۋەتلىك يىغىنى جەنۋەدە داۋام قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ب د ت دا پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتتى.

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، مۇئاۋىن رەئىس سېيىت تۈمتۈرك، ئۆمەر قانات، ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ۋە مايىك ئەپەندىلەردىن تەركىب تاپقان د ئۇ ق ھەيئىتىنىڭ جەنۋەدىكى پائالىيەتلىرى يەنە ئىككى ھەپتە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشۈش نۆۋەتتىكى خىزمەت كۈن تەرتىپلىرى ئىچىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدىكەن. مەزكۇر ھەيئەت 18-سېنتەبىر كۈنى ناھايىتى مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

سېيىت تۈمتۈرك ۋە دولقۇن ئەيسانىڭ ئېيتىشىچە، بۈگۈن ناھايىتى مۇھىم بىر قانچە دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچراشقان بولۇپ، ئۇلارغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرى ھەققىدە ئىسپاتلىق مەلۇماتلار بەرگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.