ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن 17-سېنتەبىر كۈنى ئېچىلىدىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى كېچىكتۈرۈلدى. مەزكۇر ئورگان ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بىراق قاچانغا كېچىكتۈرۈلگەنلىكى ۋە كېچىكتۈرۈلۈش سەۋەبى ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىگەن.
«شىنجاڭدىكى جىددىي ۋەزىيەت-خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى پۇت تىرەپ تۇرالامدۇ» ناملىق مەزكۇر يىغىندا، بۇ يىل ياز كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى چىقىش قىلىپ، خىتاينىڭ رايوندىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادى سىياسىتىنىڭ ئۆمرى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ رايون خاراكتېرلىك تەسىرى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلاتتى.
يىغىندا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پروفېسسورى شان روبېرتس، ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقاتى پروفېسسورى گاردنېر بوۋىڭدون، جون خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، يىپەك يولى تەتقىقاتچىسى فرېدىرىك ستار قاتارلىق شەخسلەر سۆز قىلماقچى ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل قەشقەرنىڭ مارالبېشى، تۇرپاننىڭ لۈكچۈن، خوتەننىڭ خانئېرىق، قاغىلىقنىڭ يىلقىچى، ئاقسۇنىڭ ئايكۆل قاتارلىق جايلىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى قاتتىق قوللۇقى چەتئەللەردە ئۇنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە قارىتا ئەندىشە ۋە گۇمان قوزغىغان.