دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ يەنە 3 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
12 – سېنتەبىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى مەھكىمە «26 – ئىيۇن لۈكچۈن ۋەقەسى» گە چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 4 ئۇيغۇر ئۈستىدىن سوت ئېچىپ، ئۇلارنىڭ ئۈچ نەپىرىگە ئۆلۈم جازاسى، بىر نەپىرىگە 25 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر ئۇيغۇرلارنى «لۈكچۈن ۋەقەسىگە قاتناشتى» دەپ قارىلىغان بولسىمۇ، بۇنىڭ دەلىل – ئىسپاتىنى كۆرسىتەلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
باياناتتا يەنە، شۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 8 – ئايدىن بۇيان ئۆلۈمگە بۇيرۇغان ئۇيغۇر سانىنىڭ 5 كە يېتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
باياناتتا نەقىل قىلىشىچە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم مۇنداق دېدى: بۇ شۇنى دەلىللەيدۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى «يەنە كۆپلىگەن ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ» دېگەن قەسىمىنى ئىجرا قىلىۋاتىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈممۇ ھەتتا سوت ئېچىلىشتىن ئىلگىرىلا بەلگىلىنىپ بولغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىقى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلان قىلغان ھۆكۈمنامىگە قارىغاندا، بۇ ئۇيغۇرلار «زوراۋانلىق قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈش، تېررورچى تەشكىلاتلارغا ئەزا بولۇش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن.
بۇ يىل 26 – ئىيۇن تۇرپاننىڭ لۈكچۈن بازىرىدا بىر قىسىم ئۇيغۇرلار نامايىش قىلىپ، خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن، ئارىدا بىر قىسىم ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ لۈكچۈندە تۇرۇشلۇق ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان ئىدى.