
تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بىرى بولغان خابەر تۈرك تېلېۋىزىيەسىدە تارقىتىلىۋاتقان ئەڭ ئۇزۇن تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىدىن بىرى بولغان «تارىخنىڭ ئارقا ئوداسى – تازا ياخشى بىلىنمىگەن مەسىلىلەر» ناملىق پروگراممىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
تۈركىيەدىكى تونۇلغان ژۇرنالىست، تارىخچى مۇرات بارداقچى، پروفېسسور ئەرخان ئافيونچۇ ۋە پروفېسسور نۇرخان ئاتاسوي قاتارلىق كىشىلەر رىياسەتچىلىك قىلغان پروگراممىدا ئۆتكەن شەنبە كۈنى ئاقشام ئامېرىكا مىشېگېن ئۈنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور تىمۇر قوجائوغلۇ بىلەن 4 سائەتلىك سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى.
بۇ پروگراممىدا، تۈركىيەنىڭ ئازادلىق ئىنقىلابى مەزگىلىدە بۇخارا ئەمىرلىكى ۋە تۈركىستان خەلقىنىڭ تۈركلەرگە ئەۋەتكەن ماددى ياردەملىرى، قەدىمدىن بۈگۈنگىچە بولغان تۈركىستان – تۈركىيە مۇناسىۋىتىدە ئاشكارىلانمىغان بەزى مەسىلىلەر ئاڭلىتىلدى. بۇلار بىلەن بىرلىكتە تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بېرىلدى. پروفېسسور تىمۇر قوجائوغلۇ تۈركىيە ھۈكۈمىتىنىڭ د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمغا نېمە ئۈچۈن ۋىزە بەرمىگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرلىكتە، تۈرك ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى.
تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ قاناللىرىدىن بىرى بولغان خابەر تۈرك تېلېۋىزىيەسىدىكى بۇ پروگرامما تۈركىيەدە ئەڭ كۆپ ئىنسان كۆرىدىغان پروگرامما بولۇپ، بۇ قانالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنىشى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈردى. بىز بۇ پروگرامما توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن پروفېسسور دوكتور تىمۇر قوجائوغلۇ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.