erkin-asiya-radiosi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

ئامېرىكىدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچىلىدۇ

ئۇيغۇر ئېلىدە قانلىق ۋەقەلەر ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان مەزگىلدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلار ئىجرائىيە كومىتېتى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە قاراپ چىقماقچى.

17-سېنتەبىر سەيشەنبە كۈنى ئېچىلىدىغان بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمدىن باشقا ئامېرىكىدىكى داڭلىق خىتاي ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلىرى قاتنىشىدۇ.

«شىنجاڭدىكى جىددىي ۋەزىيەت: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى پۇت تىرەپ تۇرالامدۇ» ناملىق بۇ يىغىندا، ئۆتكەن بىر نەچچە ئايدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەر نۇقتىسىدا تۇرۇپ، خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتى رايوندىكى زىددىيەتلەرنىڭ نېگىزىنى ھەل قىلالامدۇ-يوق؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان «مارالبېشى ۋەقەسى»، «لۈكچۈن ۋەقەسى»، «خوتەن خانئېرىق» ۋەقەسىگە ئوخشاش بىر قاتار ۋەقەلەر يۈز بەرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر ۋەقەلەرنى قورال كۈچى بىلەن قانلىق بىر تەرەپ قىلغانىدى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى ئەيىبلەندى

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمئىيىتى «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتىدا خىتاينىڭ خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا دۆلەت تېررورلۇقى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

باياناتتا، بۇ يىل يۈز بەرگەن «23-ئاپرېل مارالبېشى ۋەقەسى»، «26-ئىيۇن لۈكچۈن ۋەقەسى ۋە «يىلقىچى قىرغىنچىلىقى» تىلغا ئېلىنىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن ئۇيغۇرلارنى ئوققا تۇتقانلىقى ئەيىبلەندى.

پوسكامنىڭ كۈيباغدا قانلىق ۋەقە يۈز بەردى

«قاغىلىق يىلقىچى قىرغىنچىلىقى» دىن ئۈچ كۈن كېيىن، يەنى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى پوسكامنىڭ كۈيباغ يېزىسىدىمۇ بىر قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر ۋەقەنى ئاخباراتتىن يوشۇرغان بولسىمۇ، يەرلىك ساقچىلار شۇنداق بىر ۋەقە بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، شۇ كۈنى خىتاي ساقچىلىرى پوسكامدىكى بىر سايلىقتا بىر گۇرۇپپا ئاتالمىش تېررور گۇماندارلىرىغا ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بىر قىسمى ئۆلگەن، بىر قىسمى يارىلانغان.

مۇخبىرىمىزنىڭ پوسكامدىكى ساقچىخانىلاردىن ئىگىلىشىچە، ۋەقە كۆيباغنىڭ جىگدەجاي كەنتىگە تەۋە بىر سايلىقتا يۈز بەرگەن. ھازىرچە ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە تۇتۇلغان ئادەم سانى دەلىللەنمىدى.

20-ئاۋغۇست خىتاي ساقچىلىرى يىلقىچى يېزىسىدا 28 ئۇيغۇرنى ئوققا تۇتۇپ، 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ئىدى.

سىتوكھولمدا ئۇيغۇرچە ناخشا-مۇزىكىلار ياڭرىدى

11-سېنتەبىر كەچقۇرۇن سىتوكھولمدا ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنيا خەلق مۇزىكىلىرى كۆرىكى» دە ئۇيغۇر-ئۆزبېك كۈيلىرى سەنئەت سارىيىنى لەرزىگە سالدى. كۆرەك شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان «سۈنئىي ھەمراھ» سەنئەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر سەنئەت كۆرىكىدە تاشكەنتتىن كېلىپ سىتوكھولمدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سەنئەتكار گۈلجاھان بائىز خانىم باشچىلىقىدىكى «مۇقام» سەنئەت گۇرۇپپىسى ئۇيغۇرچە ۋە ئۆزبېكچە ناخشا-مۇزىكىلارنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلاپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان گۈلجاھان خانىم ئۇيغۇرچە نومۇرلارنى كۆرسىتىشنى كەلگۈسىدە يەنە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ناخشىلىرى ئەنقەرەنى لەرزىگە سالدى

ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «10-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئاناتولىيە مەدەنىيەت ۋە سەنئەت فېستىۋالى» نىڭ 4-كۈنى ئۇيغۇر ناخشىلىرى تاماشىبىنلارنى ھاياجانغا چۆمدۈردى.

10-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر كېچىسى» دە ئۇيغۇر ناخشىچى ئابدۇللاھ كۆسە ئۇيغۇر ناخشىلىرىنى ئورۇنلىدى. ئۇيغۇر شاكىچىك مۇجاھىد قەشقەرلى داڭلىق شائىر مەمەت ئاكىف ئەرسوينىڭ «كەتمە يولۇچى» دېگەن شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ، مىڭلىغان كىشىنىڭ قەلب تارىنى چەكتى.

فېستىۋالنى ئەتىمەسقۇت رايونلۇق ھۆكۈمەت ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەتكە «شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن قاتناشتى.

خىتاي ساقچى ئۇيغۇر باققالنى يارىلاندۇرغان

9-سېنتەبىر خىتاي ساقچىلىرى ئۈرۈمچى ئاققوۋۇق ئەتراپىدا بىر ئۇيغۇر باققالنى ئېتىپ ئېغىر يارىلاندۇرغان، باققال دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەن. خىتاي ساقچىلىرى مەزكۇر ۋەقەنى دەلىللىگەن بولسىمۇ، باققالنىڭ كىملىكى، نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە ۋەقەنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلدى.

ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، 9-سېنتەبىر بىر ئۇيغۇر باققال شەھەر باشقۇرۇش خادىملىرى بىلەن گەپ تالىشىپ قالغان، كېيىن ۋەقەگە ساقچىلار ئارىلىشىپ، باققالغا ئوق چىقارغان. شۇ كۈنى 2-دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان باققالنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى مەلۇم ئەمەس.