2013.09.12

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلىدىغان بۇ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى 17-سېنتەبىر سەيشەنبە كۈنى ئېچىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، جوج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پروفېسسورى شان روبېرت، ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقاتلىرى پروفېسسورى گاردنېر بوۋىڭدېن، جون خاپكنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، يىپەك يولى تەتقىقاتچىسى فرېدرىك ستار قاتارلىق مۇھىم شەخسلەر قاتنىشىپ، سۆز قىلىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، «شىنجاڭدىكى جىددىي ۋەزىيەت-خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ئوخشاش داۋام قىلامدۇ» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا بۇ يىل ياز ئايلىرى كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر چىقىش قىلىنغان ھالدا، خىتاينىڭ رايوندىكى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي سىياسىتىنىڭ ئۆمرى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ رايون خاراكتېرلىك تەسىرلىرى ئۈستىدە مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ يىل مارالبېشى ۋەقەسى، لۈكچۈن ۋەقەسى، خوتەن خانئېرىق ۋەقەسىگە ئوخشاش بىر قاتار قانلىق ۋەقەلەر مەيدانغا كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى قاتتىق قوللۇقلىقى چەتئەللەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىگە قارىتا جىددىي گۇمان ۋە ئەندىشە پەيدا قىلغان. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى دىنىي ئىشلار كومىتېتى قاتارلىق ئورگانلار بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرىگە قۇلاق سېلىشقا چاقىرغان ئىدى.

ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت مەجلىس بىناسىدا ئېچىلىدىغان مەزكۇر يىغىن مەجلىسنىڭ تور تېلېۋىزىيىسى ئارقىلىق نەق مەيداندىن تارقىتىلىدىكەن.