
يېقىندا خىتاي مۇخبىرلار بىرلەشمىسى مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، خەلقئارا تېررورلۇق ۋەزىيىتى ۋە جۇڭگو دۇچ كېلىۋاتقان تېررورلۇق تەھدىتى توغرىلىق دوكلات بېرىش يىغىنىدا ئۆتكۈزگەن. يىغىندا دوكلات بەرگەن بەزى خىتاي مۇتەخەسسىسلەر «شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ جۇڭگوغا ئېغىر تېررورلۇق تەھدىتى سېلىۋاتقان» لىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. بىراق چەتئەلدىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەر تېررورلۇقنىڭ باھانە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
خىتاي مەملىكەتلىك مۇخبىرلار بىرلەشمىسى 29-ئاۋغۇست ئۆتكۈزگەن دوكلات بېرىش يىغىنىدا خىتاي تېررورلۇق مۇتەخەسسىسى لى ۋېي سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى جۇڭگو دۇچ كەلگەن ئەڭ بىۋاسىتە ۋە ئەڭ رېئال بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق تەھدىتى، دەپ كۆرسەتكەن.
ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى خىتاي چېگراسى ئىچىدە تەشكىللىك كۈچ بولۇپ شەكىللىنەلمىگەن بولسىمۇ، بىراق چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى شىنجاڭ دۇچ كەلگەن ئاساسلىق تەھدىت.
ئۇ، چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بىر گۇرۇپپا د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى غەربنى بازا قىلغان كۈچلەر، يەنە بىر گۇرۇپپا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى ئاساس قىلغان جەنۇبىي ئاسىيا، ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا پائالىيەت قىلىدىغان كۈچلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي مۇخبىرلار بىرلەشمىسىدىكى دوكلات بېرىش يىغىنىغا خىتاي مۇخبىرلىرىدىن باشقا، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق بىر قىسىم چەتئەللىك مۇخبىرلار ۋە دىپلوماتلار تەكلىپ قىلىنغان. خىتاي ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتى بىخەتەرلىك ۋە قورال-ياراقلارنى كونترول قىلىش تەتقىقات ئورنىنىڭ مەسئۇلى لى ۋېي يىغىندا يەنە، مۇخبىر ۋە دىپلوماتلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.
مەزكۇر دوكلات بېرىش يىغىنى يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پىچان قاتارلىق جايلىرىدا بىر قاتار قانلىق توقۇنۇشلار يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن، خىتاي ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، ۋەقەنى تېررورلۇق باغلاپ چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، خىتاينىڭ سىياسىتى د ئۇ ق ۋە باشقا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.
لى ۋېينىڭ پىكرى يەنە، ئامېرىكىدىكى بەزى خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ئامېرىكىدىكى ئاتاقلىق ئۆكتىچى زات، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى چېن پوكوڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇقنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ۋە ئۇنى يوغان كۆرسىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك تەلەپلىرىنى باستۇرۇپ كەلگەن.
چېن پوكوڭ، جۇڭگونىڭ تېررورلۇق تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقى گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، دائىرىلەر شىنجاڭدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلارنى تېررورلۇققا باغلاپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ تېررورلۇق ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان قايىل قىلارلىق پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقمىدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتىدە ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈپ، تېررورلۇق تەھدىتىنى يوغانتىپ كۆرسىتىشنى، بۇ ئارقىلىق مۇقىملىققا كۆپلەپ پۇل ئاجرىتىپ، ئۇنىڭدىن مەنپەئەت ئالىدىغان ئەمەلدارلار گۇرۇھى مەۋجۇتلۇقىنى، ئۇلارغا يانتاياق بولۇۋاتقان بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
تەيۋەندە تۇرۇشلۇق ئۆكتىچى زات لىن باۋخۇا بۇ قاراشتىكى زاتلارنىڭ بىرى. ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىق مەسىلىسى ئەمەلدارلارنىڭ مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان زىددىيەتلىك مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ماقۇللۇقنى خالىسىمۇ، لېكىن ئەمەلدارلارنىڭ مەنپەئەت مۇقىمسىزلىقنى تەلەپ قىلىدۇ.
لىن باۋخۇا: شۇڭا ئۇ ھەقىقىي مۇقىملىقنى ئۈمىد قىلمايدۇ. ئەگەر ھەقىقىي مۇقىملىق بولسا، ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان پۇل توختايدۇ. ئۇ بىر تەرەپتىن مۇقىملىقنى تەكىتلىسىمۇ ۋە كۆڭلىدە مۇقىملىقنى ئارزۇ قىلسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ مەنپەئەتنى مۇقىمسىزلىقتىن كېلىدۇ. مۇقىمسىزلىق بولمىسا ئۇ پۇلغا ئېرىشىدۇ. شۇڭا بۇ ئۆزئارا زىددىيەتلىك مەسىلە، دەپ كۆرسەتتى.
بۇ يىل 26 ئاۋغۇست، پىچان ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن «لۈكچۈن ۋەقەسى» دە ئاز دېگەندە 35 ئادەم ئۆلگەن. رامىزاننىڭ ئاخىرقى كۈنى، ئۈچ تۇرپاننىڭ ئايكۆل يېزىسىدا مەسچىت جامائىتىگە ئوق چىقىرىپ، ئاز دېگەندە 3 كىشىنى ئۆلتۈرگەن. بۇنىڭدىن ئاۋۋال، خوتەننىڭ خانئېرىق يېزىسىدا نۇرغۇن نامايىشچى ئۆلتۈرۈلگەن ۋە يارىدار قىلىنغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىككە باغلاپ، ئامانلىق تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن ئىدى. دائىرىلەر بۇرۇنقى دۆلەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنى «رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى» غا ئۆزگەرتىپ، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى گۇ شىڭكۇننى گۇرۇپپا باشلىقلىقىغا تەيىنلىگەن.
«ھىندىستان ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، لى ۋېي خىتاي مەملىكەتلىك مۇخبىرلار بىرلەشمىسىدىكى دوكلاتىدا يەنە، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەگە ھۇجۇم قىلىشى، يالغۇز دۇنياغا تەسىر قىلىپ قالمايدىغانلىقىنى، سۈرىيەدە ئۇرۇش قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى كۈچلىرىنىڭ چېكىنىپ، ھۇجۇم نىشانىنى ئۇيغۇر ئېلىنغان قارىتىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: ئامېرىكا ھۇجۇم قىلسا، شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ئەزالىرى سۈرىيەدىن چېكىنىپ چىقىشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ ئاخىرقى نىشانى جۇڭگوغا قايتىپ ھۇجۇم قىلىشتۇر. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى ئەزالىرى سۈرىيەدە ئۇرۇش قىلىپ، ئاتالمىش «خەلقئارا تېررورلۇق» نىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى، ش ئۇ ئا ر دا ھۇجۇمنى قانداق پىلانلاشنى ئۆگەندى. ئۇلار بۇرۇن ئىراق ۋە چېچىنىيەدە تەجرىبىگە ئىگە بولغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ سۈرىيەگە ھەربىي ئارىلىشىشىغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلدى. ئۇ رۇسىيە بىلەن بىرلىشىپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە سۈرىيەگە ئارىلىشىش ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھىسىنى نەچچە قېتىم رەت قىلغان.
لېكىن، لى ۋېي ئوتتۇرىغا قويغان شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ سۈرىيەدە ئۆكتىچىلەرگە يان بېسىپ، ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى پىكىرنىڭ راستلىقى ئىزچىل گۇمان قوزغاپ كەلدى. بۇ مەسىلە خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنىپ، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ راستلىقىنى ھازىرغا قەدەر ئاشكارا ئېتىراپ قىلىپ باقمىدى.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەمكارلىق جەمئىيىتى بولسا، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەر ۋە مۇلاھىزىلىرىنى كەسكىن رەت قىلىپ، بۇنىڭ تۆھمەت ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ مەقسىتى مەزكۇر جەمئىيەتنى قارىلاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
چېن پوكوڭ ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ سۈرىيەدە ئۆكتىچىلەرگە ياردەم قىلىپ ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق پاكىت يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، لېكىن سۈرىيەدە ئەسئەد ھۆكۈمىتىگە يان بېسىپ، ئۆكتىچىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان نۇرغۇن ئىرانلىق شىئە پىدائىيلار ۋە لىۋاندىكى ھىزبۇللاھ جەڭچىلىرىنى بارلىقىنى، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇلارنى تىلغا ئېلىپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
چېن پوكوڭنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەسەد ھۆكۈمىتى ئۆز خەلقىنى باستۇرغان، ئۇلارغا خىمىيىلىك قورال ئىشلەتكەن ۋەھشىي ھۆكۈمەت.
شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ سۈرىيەدە ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولمىسىمۇ، بىراق چەتئەللىك پىدائىيلارنىڭ سۈرىيەگە بېرىپ، ئۆكتىچىلەر سېپىدە ئەسئەد ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشى خەلقئارالىق بىر مەسىلە.
ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ سۈرىيەدە ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ شىنجاڭدا يولغا قويغان باستۇرۇش سىياسىتىنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇش ۋە ھۇجۇملارنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئىزچىل ئىختىلاپىدا بولۇپ كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىلىدىكى توقۇنۇشنىڭ مىللىي مەسىلە ئىكەنلىكى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى رەت قىلىپ كەلگەن.
لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادى تەرەققىيات ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى باستۇرۇشقا ئىشەنسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈپ نېگىزى ئىقتىسادى مەسىلە ئەمەس.
ئۇ، ئىقتىسادى مەسىلە بارمۇ-يوقمۇ دېگەندە ئەلۋەتتە، ئىقتىسادى مەسىلە بار. مەسىلەن، شىنجاڭنىڭ مول تەبىئىي بايلىقى بار. بىراق بۇ بايلىق مەركىزى ھۆكۈمەت ۋە خەنزۇلار تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان. نېفىت جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭدىن يەرلىك ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق مەنپەئەت بېرىلمىدى. بۇنىڭ مېۋىسىدىن بىر قىسىم ئالاھىدە مەنپەئەت گۇرۇھلىرى بەھرىمەن بولۇپ كەلدى. مەسىلەن، جۇڭگو نېفىت شىركىتى بۇلارنىڭ تىپىك مىسالى. شۇڭا ئىقتىسادىي مەسىلە بىر ئامىل بولسىمۇ، بىراق ئەڭ مۇھىم مەسىلە مەنىۋى ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ئامىللار. لېكىن كومپارتىيەنىڭ بۇ نۇقتىنى چۈشىنىشى ناھايىتى مۈشكۈل، دەپ كۆرسەتتى.
چېن پوكوڭ بولسا، شىنجاڭدا زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىشىنى تېررورلۇق ئەمەس، بەلكى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى شىنجاڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسىتى مەسىلىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ سىياسەتنى ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭغا سالغان بارلىق مەبلىغىنى خىتاي ئەمەلدارلار گۇرۇھى ۋە خەنزۇلار كونترول قىلىدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي، مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى تەھدىتكە ئۇچراپ، يەرلىك ئاھالىنىڭ چەتكە قېقىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادى تەرەققىيات شەكلى مەسىلىنى ھەل قىلمايلا قالماي، بەلكى يەنە، ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئارىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى ئىلگىرىلەپ چوڭايتىدۇ. ئۇ، «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلار ۋە خەنزۇلاردىن ئىبارەت «ئىككى خىل شىنجاڭ» بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئىنسانلار نامراتلىققا چىداپ ياشايدۇ، بىراق تەڭسىزلىككە ھەرگىز چىدىمايدۇ، دەپ كۆرسەتتى.