pichan-lukchun-saqchi-charlash.jpgپىچان لۈكچۈن ۋەقەسىدىن كېيىن ساقچىلار ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ رەسىمگە تارتىشىنى توسۇۋاتقان كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 27-ئىيۇن، پىچان.

يېقىندا ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «كېلەچەك» ژۇرنىلىدا خوتەننىڭ خانئېرىق يېزىسىدا ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىنكى ۋەزىيەت تونۇشتۇرۇلغان بىر پارچە ساياھەت خاتىرىسى ئېلان قىلىندى. «خىيالىي دۈشمەن» دەپ ئىسىم قويۇلغان مەزكۇر ساياھەت خاتىرىسىدە ئاپتور خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەدىن كېيىن رايوندا يۈرگۈزگەن ھەربىي ھالىتىنى تەسۋىرلىگەن ۋە بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنىڭ بىر نامايەندىسى، دېگەن. ئۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى بىر ئۇيغۇر ساقچىنىڭ ئۆزىگە يوشۇرۇن ھالدا يىغلاپ تۇرۇپ قىلغان «بىزگە باراۋەرلىك كېرەك» دېگەن سۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن.

ئۇزۇن يىل خىتايدا ياشىغان ۋە بۇ جەرياندا جەمئىي 5 قېتىم ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھەتكە بارغان ئەنگلىيەلىك مارك كىتتو ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەنگلىيەگە كۆچۈپ كېتىش ئالدىدا ئۇيغۇر ئېلىگە قىلغان ئاخىرقى سەپىرى دەل خوتەننىڭ خانئېرىق يېزىسىدا ۋەقە مەيدانغا كەلگەن مەزگىلگە توغرا كەلگەن. ئۇ بۇ يەردە ئۇچۇر قاتتىق قامال قىلىنغانلىقتىن زادى نامايىشتا نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يەردە يۈرگۈزۈۋاتقان دىنى بېسىم سىياسىتىنى «ۋەقەنىڭ يىپ ئۇچى دەپ قاراشقا بولىدۇ» دېگەن. ئۇنىڭ «خىيالى دۈشمەن» ماۋزۇلۇق ماقالىسىنىڭ قوشۇمچە ماۋزۇسى بولسا خىتاي رەھبەرلىرى ئۆز قولى بىلەن تەشكىللىك قارشىلىق ھەرىكىتى شەكىللەندۈرمەكتە، دەپ قويۇلغان. ئاپتور ئۆزىنىڭ ساياھەت خاتىرىسىنى مۇنداق دەپ باشلىغان:
28-ئىيۇن كۈنى جۈمە نامىزىدىن كېيىن بۇ يەردە ۋەقە مەيدانغا كەلگەن. نەق مەيداندا تەرەپسىز گۇۋاھچىلارنىڭ يوقلۇقىدىن ۋەقەگە زادى نېمىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ئېنىقسىز. ئەمما ئۇنىڭ جۈمە نامىزىدىن كېيىنلا يۈز بەرگەنلىكىدىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى دىنى چەكلىمىلىرىنىڭ ئامما ئارىسىدا نارازىلىق پەيدا قىلغانلىقى ۋە بىر تۈركۈم ياشلارنىڭ ئۆز نارازىلىقىنى ئاشكارا ھالدا ئىپادە قىلغانلىقى ئېنىق.

ئاپتور مارك كىتتو ماقالىسى داۋامىدا ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن مىليونلىغان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تەييار ئۆي، خىزمەتتىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ ھەتتا ئۇلارنىڭ سودا قىلىشىغا مالىيە جەھەتتىن ياردەم قىلىدىغانلىقى ۋە بۇ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئاساسەن رايوندىكى نېفىت ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ زورىيىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى يۈزىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئادەتلىرىنى بارا-بارا يوقىلىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى بايان قىلغان.

ئاپتور ئۆزىنىڭ 1993-يىلى بىر گۇرۇپپا ئېكسپېدىتسىيىچىلەر بىلەن بىرلىكتە تەكلىماكان قۇملۇقىنى پىيادە بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى ھېكايە قىلغاندىن كېيىن ماقالىسىگە مۇنداق دەپ داۋام قىلغان:
مەن خىتايدا 18 يىل ياشىغاندىن كېيىن، بۇ يەردىن ئايرىلىش ئالدىدا، ئايالىم ۋە بالىلىرىمنى ئېلىپ ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھەتكە باردىم. بىز جېجياڭدىن ئۇيغۇر ئېلىگە ئاپتوموبىل ئارقىلىق سەپەر قىلدۇق. مېنىڭ مەقسىتىم قۇملۇقنى قايتا كۆرۈش ۋە بالىلىرىمغا بۇ يەرلەرنى كۆرسىتىش ئىدى. بىز 10 مىڭ كىلومېتىر يولنى بېسىپ، ئاخىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى بىر تاغ بويىغا كېلىپ، ناھايىتى خۇشال ھالدا دالا سەيلىسى قىلدۇق. لېكىن بىز جەنۇبقا قاراپ مېڭىپ، خوتەنگە كەلگەندە دەل ۋەقەدىن كېيىنكى جىددىي مەزگىلگە توغرا كەپ قالغان ئىدۇق. بىز ئۇ يەرگە يېتىپ بېرىشتىن بىر قانچە سائەت ئاۋۋال نامايىش يۈز بېرىپ بولغان ئىكەن، ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىن يۈز بەرگەنلەر بولسا تولىمۇ ئىشەنگۈسىز ۋە تولىمۇ ھەجۋى بولۇپ، ئۇ دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق قىلىپ ئۆز قولى بىلەن ئۆزى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان نەرسىنى شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى، تېخى شەكىللەنمىگەن ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ سىياسەتلىرىگە قارشى تەشكىللىك ھالدا ھەرىكەت قىلىدىغان بىر ھەرىكەتنى ئۆز قولى بىلەن ياساپ چىقىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرەتتى.

خوتەنگە يېتىپ بېرىشتىن ئىككى كۈن ئاۋۋال، بىز تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىدىكى مەكىت دەيدىغان كىچىك بىر ناھىيىدە ئىدۇق. 1993-يىلى بىزنىڭ قۇملۇقتىكى ساياھىتىمىز دەل مۇشۇ يەردىن باشلانغان. مەن مەكىتكە يېتىپ كەلگەندە ئەينى يىلدىكىگە ئوخشاش مەنزىرىلەر بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن ئايلىنىپ يۈرەتتىم. لېكىن ھەممە نەرسە ئۆزگىرىپ كەتكەن ئىدى. مەن بۇنى «تەرەققىي» قىلىپ كېتىپتۇ دەي، ئەمما ئەلۋەتتە خىتايدا تەرەققىيات دېگەننىڭ مەنىسى «يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىش ۋە قايتا قۇرۇش»تىن ئىبارەت. بۇ يەردە ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر بىناكارچىلىقىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى. ھەممە يەر خىتاينىڭ ئوخشاش قېلىپتا سېلىنغان ئۆيلىرى بىلەن توشۇپ كەتكەن ئىدى. مەن كېچە 10 ئەتراپىدا مەكىت ئىچىدە ئايلىنىپ يۈرەتتىم. تۇيۇقسىز يېنىمدىن ساقچى ماشىنىلىرى ئۆتۈشكە باشلىدى. ئۇلار يولدىكى ماشىنىلارنى قوغلاۋاتاتتى. مەن تېخى بىرەر نامايىش يۈز بەرگەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن. لېكىن قارىسام بۇ ساقچى ماشىنىلىرى ئوخشاش فورما كىيگەن يۈزلىگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۇلار كەچلىك مۇزاكىرىدىن قايتىپ ئۆيگە ماڭغاندا قوغداپ ماڭىدىكەن. كېيىن ئۇقسام، ئۇيغۇر ئېلىگە قوشنا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئاتا-ئانىلار 200 مىڭ يۈەن تۆلىسە بالىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدە نوپۇسقا ئالدۇرالايدىكەن ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى ئالىي مەكتەپكە چىقىرىدىكەن. چۈنكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بالىلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش نومۇر چېكى باشقا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە قارىغاندا تۆۋەن بولىدىكەن.

ئاپتور ماقالىسىنىڭ داۋامىدا مەكىتتە بىر ئۇيغۇر ساقچىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن قىسقىغىنا سۆھبىتى ئۈستىدە توختىلىپ، مۇنداق داۋام قىلغان:
-مەن يول بويىدا تاماق يەپ پىۋا ئىچىپ ئولتۇرغان بىر خەلق ساقچىسى، ئىنتېرنېتنى تەقىب قىلىدىغان بىر رەسمىي ساقچى ۋە بىر سودىگەر بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. مەن ئۇلاردىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىدىم. ۋەزىپىسى ئىنتېرنېت كونترول قىلىش بولغان مەمەت ئىسىملىك ساقچى ماڭا جاۋاب بېرىپ «99 پىرسەنت كىشى خۇشال، چاتاق چىقىرىدىغانلار پەقەت بىر پىرسەنتنىلا ئىگىلەيدۇ» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ ماڭا يۇقىرىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى قوللىنىۋاتقان ئۇسۇلنى دەپ بەرگەندە، مەن دەرھال ئۇنىڭدىن «سىلەر بۇنىڭدىن نارازى ئەمەسمۇ، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققىنى ئېلىۋالغان تۇرسا؟» دەپ سورىدىم. ئۇلار ھەممىسى مۈرىسىنى قىسىپ قويۇشتى ۋە «بىزنىڭ پەقەت تىنچ ياشىغۇمىز بار، بالا تاپقۇمىز يوق» دەپ جاۋاب بەردى. كېيىن ئارىدىكى خەلق ساقچىسى بالا مېنى موتسىكلىت بىلەن ياتىقىمغا ئاپىرىپ قويۇشنى تەكلىپ قىلىپ تۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭ موتسىكلىتىغا چىقىپ ماڭدىم. ئەمما ئۇ مېھمانخانىغا قارشى يۆنىلىشكە قاراپ ماڭدى ۋە ماڭا «مەن ساڭا بازارنى كۆرسىتىپ قوياي» دېدى ۋە يۈرۈپ كەتتى. مەن دەرھال ئۇنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇۋالدىم. ئەمما ئۇ چاغدا ئۇنىڭ مۈرىسىنىڭ يېنىك سىلكىنىۋاتقانلىقىنى سەزدىم. ئۇ يىغلاۋاتاتتى. ئېسەدەپ يىغلاۋاتاتتى. بىز توختىغاندىن كېيىن مەن ئۇنىڭدىن سورىدىم «نېمە بولدۇڭ؟» ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ «بەك قېيىن، بىزگە بەك قېيىن بوپ كېتىپ بارىدۇ» دېدى. مەن «نېمە قېيىن بوپ كېتىپ بارىدۇ؟»دەپ سورىدىم. ئۇ «ياشاشچۇ. بىز ئۇيغۇرلارغا ياشاش بەك تەس بوپ كېتىپ بارىدۇ، دېدى ۋە فورمىسىنى تارتىپ تۇرۇپ» قاراپ باقە، مەن بۇنى كىيىشكە مەجبۇر، لېكىن مەن بىر ئۇيغۇر. ئۇلار بىزنىڭ ھاياتىمىزنى بەك قىيىنلاشتۇرۇۋېتىپ بارىدۇ»دېدى. مەن ئۇنىڭدىن«سېنىڭ ھاياتىڭنى قىيىنلاشتۇرۇۋاتقان نېمە؟»، دەپ سورىدىم. لېكىن ئۇ ئاچچىقىدىن گەپ قىلالمايۋاتاتتى. كېيىن ئۇ مېنى مېھمانخانامغا تاشلاپ قويدى. ئايرىلىش ئالدىدا مەن ئۇنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇپ تۇرۇپ سورىدىم «ماڭا بىر ئېغىز سۆز بىلەن سېنىڭ زادى نېمە تەلەپ قىلىدىغىنىڭنى دەپ باقە» دېدىم. ئۇ ماڭا «دېيىشىم كېرەكمۇ؟» دېگەندەك بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن «باراۋەرلىك» دەپ جاۋاب بەردى.

ئاپتور مارك كىتتو ماقالىسىنىڭ داۋامىدا خوتەن خانئېرىقتىكى ۋەقەدىن كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى ئۈستىدە توختالغان. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ ئايالى جوننانى خوتەندىكى بىر مېھمانخانىدا قويۇپ قويغاندىن كېيىن، شاڭخەيدىن ئۆزى بىلەن قۇملۇقنى ئېكسپېدىتسىيە قىلىش ئۈچۈن كەلگەن دوستى روبېرت بىلەن تەكلىماكان قۇملۇقىغا كىرگەن ۋە شۇ يەردە چېدىر تىكىپ تۈنەشنى پىلان قىلىۋاتقاندا روبېرتنىڭ شاڭخەيدىكى ئايالى تېلېفون قىلىپ، خوتەندە ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، شۇ چاغدا دوستىنىڭ تېلېفونى ئارقىلىق خىتايدىكى مۇنازىرە تور بەتلىرىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرگەن، ئۇنىڭدا خوتەندە قوراللىق ئۇيغۇرلارنىڭ كوچىغا چىقىپ، قالايمىقان ئۇرۇپ-چېقىۋاتقانلىقى، ئۆلۈپ-يارىلىنىش ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلغانلىقى، ئوق ئاتقانلىقىدەك خەۋەرلەرنىڭ يېزىلغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن مارك ئۆزىنىڭ خوتەندىكى مېھمانخانىدا قەپ قالغان ئايالىدىن ئەنسىرەپ تېلېفون قىلغان، ئەمما تېلېفون ۋە قول تېلېفونلار پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتىلگەنلىكتىن ئايالىدىن خەۋەر ئالالمىغان. كېيىن ئۇ دوستى روبېرتنىڭ تېلېفونىدىكى باشقا بىر خىل مۇلازىمەت ئارقىلىق ئاخىرى ئايالى بىلەن سۆزلەشكەن. ئايالى ئۇنىڭغا مېھمانخانىدىكى خىتاي مۇلازىملارنىڭ ئۇزۇن كالتەك ۋە پىچاقلار بىلەن قوراللىنىپ، دەرۋازا ئالدىغا تىزىلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن. ئۇ ئايالىدىن ئوق ئاۋازى ئاڭلاپ-ئاڭلىمىغانلىقىنى سورىغان. ئۇ ئاڭلىمىغانلىقىنى، ئەمما ساليوت ئاۋازىغا ئوخشايدىغان ئاۋازنى ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتقان.

مارك شەنبە كۈنى دوستى بىلەن خوتەن شەھىرىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ كوچا ئارىلاپ، نامايىشنىڭ ئىزنالىرىنى كۆرۈپ باقماقچى بولغانلىقىنى ئەمما ھېچنېمە تاپالمىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازغان:
شەنبە كۈنى روبېرت ئىككىمىز خوتەن شەھىرىدە بىز ئاڭلىغاندەك كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ساقچىخانا، ئۇرۇپ-چېقىلغان دۇكان، قانغا بويالغان يول دېگەنلەرنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن كوچىغا چىقتۇق. ئەمما ئۇلارنىڭ ھېچبىرى يوق ئىدى. كوچىدا ئادەم كۆرۈنمەيتتى. ھەممە يەردە مۇقىملىق ساقلاۋاتقان ھەربىيلەر قاپلاپ كەتكەن. ئىتتىپاق مەيدانى پۈتۈنلەي ھەربىي ماشىنىلار بىلەن توشۇپ كەتكەن ئىدى. مەيدانغا يېقىنلاشقان ياشلارنىڭ ھەممىسى توختىتىلىپ، تەكشۈرۈلۈۋاتاتتى. بىز چەتتىكى بىر كاۋاپخانىدا ئولتۇردۇق. ساقچى ماشىنىلىرى مەيدان ئەتراپىنى ئايلىنىپ يۈرەتتى. ماشىنا ئىچىدىكىلەر كىشىلەرنى قاتتىق كۆزىتىپ، گۇمانلىق كىشى ئىزدەۋاتاتتى. ئۇلار بىزگىمۇ شۇنداق قارىدى. كېيىن مەن رەسىم تارتىشقا باشلىۋېدىم، بىر سېكونتقىمۇ قالماي فورمىلىق ساقچىدىن بىرى يېنىمغا كېلىپ، رەسىم تارتما، دەپ ۋارقىرىدى. كاۋاپچى بىزگە يۈزلىگەن كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇ «بىزدە قورال يوق» دېگەن گەپنى نەچچە قېتىم قايتىلىدى ۋە «بىزدە قورال يوق، ئۇلاردا بار. جىق ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. يۈزلىگەن ئادەمنى» دېدى. ئىتتىپاق مەيدانىدىن شۇ ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇكى، بۇ يەردە ھېچقاچان زوۋاران خاراكتېرىدىكى نامايىش بولغان ئەمەس، ھېچقانداق ئۇرۇپ-چاققان ئىشمۇ يوق. ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ھەققىدىكى سۆز-چۆچەكلەرمۇ ھەرخىل. ئۇچۇر ئېلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بىز خۇددى قارا ئۆڭكۈرگە كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلدۇق. يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ يەردە ئادەم ۋەقەگە قانچە يېقىن بولسا، ئۇچۇردىن شۇنچە ئۇزاقتا قالىدىكەن. خوتەندە ئىنتېرنېت تاقىۋېتىلگەن. تېلېۋىزىيىمۇ شۇ. شەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن قول تېلېفونلار ئەسلىگە كەلدى. بىراق قىسقا ئۇچۇر سالغىلى بولمايتتى. دائىرىلەر كىشىلەرنىڭ رەسىم ئەۋەتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قىسقا ئۇچۇرنى ئىشلىمەيدىغان قىلىپ قويىدىكەن. ھېچقانداق گېزىتمۇ تاپالمىدۇق. مەن ساقچىلاردىن بىر قانچە قېتىم ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈپ-ئۆلمىگەنلىكىنى سورىدىم. ئەمما ساقچىلار ماڭا «بۇ دېگەن دۆلەت مەخپىيىتى» دەپ جاۋاب بەرگىلى ئۇنىمىدى.

مارك كىتتو ماقالىسىنىڭ داۋامىدا شۇ كۈندىن ئېتىبارەن خوتەن ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ كەينىگە كىرىۋالغانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ ئۆزلىرىگە «بۇ يەردە تېررورىستلار بار، ھاياتىڭلار خەۋپ ئاستىدا» دەپ ئۇلارنى بۇ يەردىن كېتىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى، ھەرىكىتىنى سىنغا ئالغانلىقىنى، ئاخىرى ئۆزلىرىنىڭ ساقچىلارغا ئىككى كۈن ئىچىدە بۇ يەردىن كېتىشكە ۋەدە بەرگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ بىر ئۇيغۇر ساتىراشخانىسىغا چاچ ئالدۇرغىلى كىرگەندە، ساتىراشخانىدىكى تېلېۋىزوردا دەل ۋەقە ھەققىدە خەۋەر بېرىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئافغانىستاندىكى تېررورلۇق بازىلىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ غەرپتىكى بىر دۆلەتتە ئاچقان يىغىنلىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنىڭ بايراقلىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى، رابىيە قادىرنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە سۆز قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى بېرىلگەن ۋە ئاخىرىدا خىتاي قىسىملىرىنىڭ كۈرەش قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى بېرىلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئاپتور ساتىراشتىن «بۇلار شەرقىي تۈركىستانچىلارمۇ؟» دەپ سورىغان. ئۇ «نېمە شەرقىي تۈركىستانچى بولاتتى؟» دېگەن.

ئاپتور «ئۇلار ئۈچ خىل كۈچلەرمۇ؟» دەپ سورىغان ئۇ «نېمە ئۈچ ئۇ؟» دەپ جاۋاب قايتۇرغان. ئاپتور تېلېۋىزورنى ئىشارەت قىلغان. ساتىراش بولسا ئۇنىڭغا «ھەممىسى بىر تاغار قۇرۇق گەپ» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئاپتور ماقالىسىگە مۇنداق دەپ داۋام قىلغان:
«ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورىست يوق. بۇ يەردە خەلقئارادىكى ئېتا ۋە ئىرا دېگەن تەشكىلاتلار بىلەن تەڭ سەۋىيىدە تۇرىدىغان تەشكىلاتلار يوق. لېكىن ئىشىنىمەنكى، بۇ يەردە مۇشۇنداق تەشكىلاتلارنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغان ياشلار بار. ئەگەر مەنمۇ بىكاردىن-بىكار توختىتىلىپ، ئاختۇرۇلغان بولسام، ھەربىي ماشىنىلار كوچامدا سائەتتە بىر، كېچىمۇ-كۈندۈز چۆرگىلەپ يۈرگەن بولسا، باغچىدا ئولتۇرسام، ھەربىيلەر يېنىمدا ماڭا قانداق ھۇجۇم قىلىشنى مەشىق قىلسا، دىنى پائالىيەتلىرىمنى كامېراغا ئالسا، ئىمام چەكلەنسە، بۇرۇتۇمنى ئېلىۋەتسە، ھۆكۈمەت ماڭا ۋە ئەتراپىمدىكى دوستلىرىمغا «بولغۇسى تېررورىست» قاتارىدا مۇئامىلە قىلسا، ئۇ ھالدا مەنمۇ بىر كۈنى سۈنئىي ئوغۇت بىلەن شېكەر سېتىۋېلىپ، ھەربىي ماشىنىلار داۋاملىق ئۆتىدىغان يەرلەرنى كۆزەتكەن بولار ئىدىم. خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا يۈرگۈزۈۋاتقان بۇنداق قاتتىق قوللۇق سىياسەت ھەرگىزمۇ ئۇلار دەۋاتقان ئۇ ئىناق جەمئىيەتنى بەرپا قىلمايدۇ. ئەمەلىيەتتە دەل ئۇنىڭ ئەكسىنى بەرپا قىلىدۇ. ئەگەر بۇ يەردە بىرى نارازىلىق ۋە تېررورلۇق پەيدا قىلىۋاتقان بولسا ئۇ دەل ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزى. خەۋەرنى چەكلەپ، ئۇچۇر-ئالاقىنى ئۈزۈشنىڭ، ئەخمىقانە شوئارلارنىڭ قىلچىمۇ پايدىسى يوق.»

ئاپتور مارك كىتتو ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، ساقچىلارنىڭ كەچكىچە ئۆزلىرىگە بۇ يەردە تېررورىست بار، ھاياتىڭلار خەۋپ ئاستىدا دەپ كەينىگە كىرىۋالغانلىقى، بىز بۇ يەردە تەھدىت ھېس قىلمىدۇق، يەرلىكلەر بىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ دېسىمۇ ئۇنىماي بۇلارنى كېتىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى، كېيىن «تېررورچى ئۇيغۇرلار دالادا يېتىپ ساياھەت قىلىۋاتقانلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ» دەپ گەپ تارقالغانلىقىنى ۋە ئۇ «ئۆلتۈرۈلگەنلەر دەپ بىزنى دېمەكچىمۇ» دەپ ئىنتايىن ئەجەبلەنگەنلىكىنى بايان قىلغان ۋە ماقالىسىنى مۇنداق دەپ ئاياغلاشتۇرغان:
«ئۇيغۇر ئېلىدىكى 5 ھەپتىلىك ساياھىتىم جەريانىدا ئازراق ئەندىشە ھېس قىلغان ۋاقتىم پەقەت ساقچىلار بىزنى دالا مەيدانىدىن قوغلىغان كۈنى بولدى. ئەتراپ قاراڭغۇ ئىدى. ئايالىم ۋە بالىلىرىم چېدىر ئىچىدە، روبېرت بىلەن مەن سىرتتا ئوتنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتۇق. تۇيۇقسىز ئىككى ئۇيغۇر ياش موتسىكلىتنى ناھايىتى تېزلىك بىلەن ھەيدەپ كېلىپ، ئۇنى دەرەخ يېنىغا توختىتىپ قويغاندىن كېيىن، بىزگە قاراپ يۈگۈرۈشكە باشلىدى. ئۇلار شاخلار ئارىسىدىن ئوقتەك ئۇچۇپ ئۆتۈۋاتاتتى. قولى بولسا يانچۇقىدا. كېيىن ئۇلار يېنىمىزدا توختاپ يانچۇقىدىن لىق بىر ئالىقان ئۆرۈكنى چىقىرىپ بىزگە بەرگەندىن كېيىن، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي، كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ئارقىغا ئۆرۈلۈپ ماڭدى. بىز ئۇلارغا، ئۇيغۇرچە «رەھمەت» دېدۇق.