xitay-toghrisida-mulahiziler-kitab-muqawe.JPG«خىتاي توغرىسىدا مۇلاھىزىلەر» ناملىق خىتاي ئىشلىرىغا ئائىت ماقالىلەر توپلىمىنىڭ ئىچكى مۇقاۋىسى.

ياپونىيە تاكاراجىماشا نەشرىياتى تەرىپىدىن يېقىندا «خىتاي توغرىسىدا مۇلاھىزىلەر» ناملىق خىتاي ئىشلىرىغا ئائىت ماقالىلەر توپلىمى نەشر قىلىنغان.

مەزكۇر ماقالىلەر توپلىمىغا 30 نەپەر تەتقىقاتچىنىڭ ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن. مەزكۇر ماقالىلەردە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، ھەربىي، مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە مىللەت مەسىلىسى توغرىسىدا بىر قىسىم ئۇچۇرلار بېرىلگەن.

مەزكۇر ماقالىلەر توپلىمىدا ياپونىيەلىك خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى مىكاۋانىڭ خىتايدىكى تىبەت، ئۇيغۇر مەسىلىلىرىگە ئائىت «تىبەت، ئۇيغۇر مەسىلىسى قانداق بولار؟» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىمۇ كىرگۈزۈلگەن.

ماقالىدە خىتاي ئاھالىسىنىڭ 92% نى خىتاي مىللىتى ئىگىلەيدىغانلىقىنى، ئاز سانلىق مىلللەتلەر بولسا ئومۇمى نوپۇسنىڭ پەقەتلا 8% ئىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە ئاپتور ئۆزىنى كۆپ مىللەتلىك، كۆپ نوپۇسلۇق دۆلەت، ھەممە بارابەر، ئىناق دەپ ئاتاۋاتقان خىتاي دۆلىتىدىكى تىبەت، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايدا ئولىمپىك ئۆتكۈزۈلۈشتىن ئىلگىرىلا بۇ ھەقتە قىسىم مەسىلىلەرنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قۇلىقىغا ئاللىقاچان يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئاپتور ماقالىدە 2008-يىلى بېيجىڭدا ئولىمپىك باشلىنىشتىن ئىلگىرى شۇ يىلى 3-ئايدا تىبەتتە يۈز بەرگەن 14-مارت ۋەقەسى بىلەن 2009-يىلى 7-ئايدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىنى تىلغا ئېلىپ، مەزكۇر ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ، بۇ ۋەقەلەرنىڭ ئۆزىلا، بۇ ئىككى مىللەتنىڭ ئۆز مۇستەقىللىقىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

ماقالىدە ئاپتور، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن دالاي لامانىڭ تىبەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ ۋە بىر قىسىم ئىسلام ئەللىرىنىڭ ھېسداشلىقىغا مۇيەسسەر بولغان ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭمۇ كۈندىن-كۈنگە خەلقئارالىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ باش ئاغرىقى يالغۇز تىبەت،ئۇيغۇر مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى تەيۋەن مەسىلىسىمۇ خىتاي ئۈچۈن ھەل قىلىش ناھايىتى تەس بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان.

ئاپتور ماقالىسىدە، خىتايدىن ئايرىلىپ چىقىپ كېتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان تىبەت، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىدە تولىمۇ مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك رايونلار بولۇش بىلەن بىرگە، مول يەر ئاستى بايلىقىغا ئىگە بولغان، خىتاينى مول نېفىت بىلەن تەمىنلەۋاتقان رايونلار ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

ماقالىدە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا كۆپ مىللەتلىك بۇ دۆلەتتە يولغا قويۇلغان ئاپتونومىيە قانۇنىدا بەلگىلەنگەن قانۇنلارنىڭ ھېچقايسىنىڭ تىبەت بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە ئىجرا قىلىنمىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئاپتور ماقالىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ تەھلىل ئېلىپ بارغان.

ماقالىدە ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاينىڭ كۆپلەپ كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى ئۈستىدە توختالغان.

ماقالىدە ئاپتور، ئۇيغۇر ئېلىدە ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى دەپ ھېسابلانغان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇت-كارخانىلارغا مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلىپ، يوشۇرۇن ھالدا خىتايلار بىلەن ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاپتور ماقالىسىدە تىبەت بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى پەرقى ئۈستىدە توختىلىپ، مول-بايلىقلارنىڭ ئىگىسى بولغان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ يەنىلا كەمبەغەلچىلىكتىن قۇتۇلالمايۋاتقانلىقىنى، تىبەت، ئۇيغۇر مىللەتلىرىنىڭ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۆز رايونلىرىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسىتىدىن رازى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە ئاپتور، تىبەتنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە مۇراجىئەت ئېلان قىلىپ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تىبەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» سىياسىتىنى توختىتىشقا ياردەم قىلىشىنى چاقىرىق قىلىشىنىڭ ئۆزىلا، خىتايدىكى تىبەت مەسىلىسىنىڭ نەقەدەر ئېغىر مەسىلە ئىكەنلىكىنىڭ تىپىك مىسالى دەپ كۆرسەتكەن.

ئاپتور ماقالىدە ئۇيغۇر، تىبەتلەرنىڭ تارىخىدىكى بەزى تارىخىي ۋەقەلەرنى جەدىۋەللىك كۆرسەتكۈچ ئارقىلىق كۆرسىتىپ بەرگەن. مەسىلەن؛ ئۇيغۇرلارغا ئائىت جەدۋەلدە 1949-يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشقا قەدەر، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق جۇمھۇرىيىتى بولغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسەتكەن. 1954-يىلى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈش سىياسىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 1955-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنى، 1964-يىلى سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن خىتاينىڭ ئاتوم بومبىسى سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئاتوم بومبىسى سىنىقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە 1996-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا جەمئىي 45 قېتىم ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئاپتورنىڭ ئۇيغۇرلار تارىخى توغرىسىدىكى بۇ جەدىۋەللىك كۆرسەتكۈچىدە يەنە، 1991-يىلىدىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قىسىم ئەللەرنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل دۆلەت بولغاندىن كېيىن، بۇنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ مۇستەقىللىق ئارزۇسى كۈچىيىپ 1992-يىلى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار بىرلىشىپ شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى يىغىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى، 1996-يىلى گېرمانىيەدە شەرقىي تۈركىستان ياشلار كېڭىشى يىغىنى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە 2004-يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاپتور ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن 5-فېۋرال ئىلى ۋەقەسى، شاۋگۇەن ۋەقەسى قاتارلىق بىر قىسىم ۋەقەلەرنىمۇ تىلغا ئالغان.

ئاپتور ماقالىدە يەنە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىدى دېگەن بەتنام بىلەن قامىلىپ،2005-يىلى ئامېرىكىغا ساق-سالامەت يېتىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدىمۇ قىسقىچە توختالغان.

ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلگۈچى تەتقىقاتچىلاردىن يامگۇچى ئەپەندى خىتايدىكى تىبەت، ئۇيغۇر مەسىلىلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

-خىتايدىكى تىبەت،ئۇيغۇر مەسىلىسى بولسا، تۈگىمەس ۋە شۇنداقلا ھەل قىلىنماس مەسىلە. بۇنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن-بىر يولى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشىگە يول قويۇشىدىن ئىبارەت

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.